مېھىر - مۇھەببەت بولسىلا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولغىلى بولىدۇ

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىر مىن چېڭ

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سەھەردە، قارىماي شەھىرى غەربىي رايون بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىدىن جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى) سەنپىڭ يولى كوچا باشقارمىسى ۋۇشىن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ما جىيۇڭ ئەتىگەنلىك تامىقىنى يەپ بولۇپ، مەھەللە ئاھالىسى ئابلەت سۇلايماننىڭ ئۆيىگە ماڭدى. ھەر ئىككى - ئۈچ كۈندە ما جىيۇڭ 70 ياشلىق يالغۇز تۇرۇۋاتقان بۇ گاس - گاچا بوۋاينى يوقلىغاچ، بوۋايغا بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئالغاچ باراتتى.

ئىككىيلەننىڭ تونۇشقىنىغا بىر يىل بولاي دېدى، ما جىيۇڭنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى بوۋايغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

بوۋاينى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چاغدىكى مەنزىرە ما جىيۇڭنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە. «بۇلتۇر 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئەتىگەندە، مەن مەھەللە ئىشخانا بىناسىنىڭ ئالدىدا بوۋاينى ئۇچراتتىم، ئۇنىڭ تىت - تىت بولۇپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئالدىغا بېرىپ سورىدىم. بوۋاي جىددىيلەشكەن ھالدا ماڭا بىر نېمىلەرنى ئىشارەت قىلدى، مەن دەماللىققا ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنەلمىدىم.» زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن، ما جىيۇڭ بوۋايغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئىشىكتىن كىرىشىگىلا، بوۋاي ما جىيۇڭنى تارتىپ ئاشخانىغا ئەكىرىپ، يېقىلغۇ گاز ئوچىقىنى كۆرسەتتى، ئەسلىدە ئۆيدە كۆمۈر گازى قالمىغان ئىكەن. ما جىيۇڭ دەرھال يېقىلغۇ گاز شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ بوۋايغا يېقىلغۇ گاز تۇڭىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى.

ما جىيۇڭنىڭ كۆڭلى ئۇزاققىچە تىنمىدى: «بىز بارماق تىلىنى بىلمەيمىز، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەۋا - تەلەپكە يولۇققاندا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بوۋاي ياشىنىپ قاپتۇ، ئۆيدە يالغۇز تۇرسا بىخەتەر بولامدۇ - يوق؟» ئۇ تورغا چىقىپ بارماق تىلى ئوقۇتۇشى سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ، ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگەندى، يەنە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ بىللە ئۆگەندى. ھەر ئىككى - ئۈچ كۈندە ما جىيۇڭ بوۋاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلاپ تۇردى، بەزىدە ئۆيىنى تازىلاپ بەردى، بەزىدە كىر - قاتلىرىنى يۇيۇپ، تاماق ئېتىپ بەردى. «سىز مېنى ئۆز ئوغلىڭىزدەك كۆرۈڭ، نېمە ئىش بولسا مېنى ئىزدىسىڭىزلا بولىدۇ، مەن چوقۇم ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن.» بارماق تىلى ئارقىلىق ما جىيۇڭ بوۋايغا دوستلۇقىنى بىلدۈردى.

ئابلەت ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ توك يولى ئېغىر دەرىجىدە كونىراپ كەتكەچكە، دائىم توك توختاپ قالاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغانىدى. ما جىيۇڭ كەسپىي خادىملارنى تېپىپ كېلىپ توك يولىنى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغ ئالماشتۇرۇپ بەردى، ئۆي يورۇپ كەتتى.

بوۋاينى يوقلاپ بارغاندا، ما جىيۇڭ بوۋاينىڭ ئىشىك چېكىلگەن ئاۋازنى ئاڭلىيالمىغاچقا، زىيارەتكە كەلگەنلەرنىڭ دائىم ئىشىك ئالدىدا ئۇزاق ساقلايدىغانلىقىنى بايقىدى. «بوۋايغا قانداق قىلغاندا ئادەم كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ؟» ما جىيۇڭنىڭ كاللىسىغا بىر ئەقىل كېلىپ، «كۆرگىلى بولىدىغان» بىر ئىشىك قوڭغۇرىقى لايىھەلەپ بەردى.

تۆشۈك تېشىش، سىم تارتىش، ئورنىتىش... ما جىيۇڭ «بۇيرۇتقان» ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بوۋاينىڭ ئىشىكىگە ئورناتتى. تاشقىرىقى ئىشىكتىكى كەيگۈەننى باسسىلا، ياتاق ئۆيدىكى ئەسكەرتىش چىرىغى يورۇيدۇ. ما جىيۇڭ خۇشال ھالدا «ئىشىك قوڭغۇرىقى»نى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسەتتى، بوۋاي بىرچەتتە تۇرۇپ خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى.

مېھىر - مۇھەببەت بېرىش - كېلىش قىلغانسېرى قويۇقلاشتى. ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە، بوۋاي ما جىيۇڭنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇۋالىدۇ، كۆزى مېھىر - شەپقەتكە تولىدۇ. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك ئىشنى قىلىش شەرت ئەمەس، مېھىر - مۇھەببەت بولسىلا بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولغىلى بولىدۇ» دېدى ما جىيۇڭ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4