دۆلىتىمىز 2022 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئادەملىك ئالەم كېمىسىدىن تۆتنى قويۇپ بېرىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەينەن ۋېنچاڭ، 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (لى گولى، دېڭ مېڭ) 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى كەچتە ئېچىلغان چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى جى چىمىڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دۆلىتىمىز 2022 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە بوشلۇق پونكىتى قۇرۇشنى پىلانلىغان، بۇ مەزگىلدە شېنجوۋ ئادەملىك ئالەم كېمىسىدىن تۆتى قويۇپ بېرىلىدىكەن. ھازىر، ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى تاللاپ بېكىتىلىپ، ۋەزىپە مەشىقىنى قانات يايدۇرۇۋېتىپتۇ.

پىلان بويىچە، دۆلىتىمىزنىڭ بوشلۇق پونكىتى 2022 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە قۇرۇلىدىكەن، جەمئىي 12 قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى پىلانلانغان. جى چىمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ۋەزىپىدىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسى، ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى ۋە مېڭتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى قويۇپ بېرىلىپ، بوشلۇق پونكىتى ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئوربىتىدا قۇراشتۇرۇلۇپ قۇرۇلىدۇ؛ بۇ مەزگىلدە، شېنجوۋ ئادەملىك ئالەم كېمىسىدىن تۆتنى ۋە تيەنجوۋ يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىدىن تۆتنى قويۇپ بېرىپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنى ئالماشتۇرۇش ۋە مال تولۇقلاپ بېرىش پىلانلاندى.

ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ بوشلۇق پونكىتى يادرولۇق بۆلۈمچىسىنىڭ رەسمىي مەھسۇلات ئومۇمىي قۇرۇلمىسى تاماملاندى، ۋېنتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسى ۋە مېڭتيەن تەجرىبە بۆلۈمچىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، بوشلۇق ئىلمى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى ئارقا - ئارقىدىن رەسمىي تەتقىق قىلىپ ياساش باسقۇچىغا كىردى. جى چىمىڭ مۇنداق دېدى: «بوشلۇق پونكىتىنى قۇرۇش باسقۇچىدا تۆت قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى تاللاپ بېكىتىلدى، مەشىق ۋەزىپىسىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ.» جى چىمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى تاللاش خىزمىتىمۇ بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاماملىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4