چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

دۆلىتىمىز ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ «3 - قەدەم» ۋەزىپىسىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى

چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى

5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسالغان چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ خەينەن ۋېنچاڭدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، دۆلىتىمىز ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ «3 - قەدەم» ۋەزىپىسىنىڭ مۇقەددىمىسى رەسمىي باشلاندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (تۇ خەيچاۋ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسى

ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى بوشلۇق پونكىتى باسقۇچى ئۇچۇش ۋەزىپىسى باش قوماندانلىق ئىشتابى ھەم چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان تەتقىقاتقا، سىناققا قاتناشقۇچى ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە بارلىق يولداشلار:

چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تەتقىقاتقا، سىناققا قاتناشقۇچى ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە بارلىق يولداشلار ئىتتىپاقلىشىپ جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى قاتارلىق قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېڭىپ، تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدەك مۇھىم، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە سىلەردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ!

چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى بوشلۇق پونكىتى باسقۇچى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تۇنجى جېڭىدە غەلىبە قازانغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ 3 - قەدەم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. بۇ، قۇرۇلۇش پۈتۈن سېپى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىپ، تىرىشىپ ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى ۋە دۇنياۋى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ جۇڭگو ئارزۇسى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. سىلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشتۇڭلار، ۋەتەن ۋە خەلق سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ!

بىپايان ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ چېكى يوق، پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملاشما ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر، دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋە سىناق كەسكىن، مۇرەككەپ. سىلەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالەم قاتنىشى ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ۋە پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

گوۋۇيۈەن

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت

2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەينەن ۋېنچاڭ، 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى (لى گولى، شياۋ جيەنجۈن) دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياسالغان چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەينەن ۋېنچاڭدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، دۆلىتىمىز ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ «3 - قەدەم» ۋەزىپىسىنىڭ مۇقەددىمىسى رەسمىي باشلاندى.

كوكۇس شامىلى زۇمرەتتەك دېڭىز سۈيىنى سىيپاپ ئۆتتى، خاسىيەتلىك راكېتا ئاسماننىڭ قەرىگە ئۇچتى. 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 18دىن 0 مىنۇت ئۆتكەندە، چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا يېڭى بىر ئەۋلاد ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ سىناق ئالەم كېمىسى ۋە يۇمشاق كۆپتۈرمىلىك قايتىش مال بۆلۈمچىسىنىڭ سىناق بۆلۈمچىسىنى ئېلىپ، ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئوت يېقىلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلدى. تەخمىنەن 488 سېكۇنتتىن كېيىن، يۈك كۆتۈرۈش بىرىكمە گەۋدىسى راكېتا بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىلىپ ئالدىن بېكىتىلگەن ئوربىتىغا كىردى، دۆلىتىمىزنىڭ بوشلۇق پونكىتى باسقۇچىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى غەلىبىلىك بولدى.

چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا چاڭجېڭ 5 - نومۇر توشۇغۇچى راكېتا ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىپ تەتقىق قىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، ئاساسلىقى دۆلىتىمىزنىڭ بوشلۇق پونكىتى بۆلمە بۆلىكى قاتارلىق مۇھىم، زور ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 53.7 مېتىر، ئۆزەكنىڭ 1 - دەرىجىلىك دىيامېتىرى بەش مېتىر بولۇپ، دىيامېتىرى 3.35 مېتىر بولغان تۆت ئىتتىرگۈچ باغلانغان، ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش قاپقىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20.5 مېتىر، دىيامېتىرى 5.2 مېتىر كېلىدۇ، زەھەرسىز، بۇلغىمىسىز سۇيۇق ئوكسىگېن، سۇيۇق ھىدروگېن ۋە كىرسىن ئىتتىرگۈچ ماددا قىلىنغان، ئۇچۇش ماسسىسى تەخمىنەن 849 توننا، يەرگە يېقىن ئوربىتىدىكى توشۇش ئىقتىدارى 22 توننىدىن يۇقىرى بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ يەرگە يېقىن ئوربىتىدىكى توشۇش ئىقتىدارى ئەڭ چوڭ راكېتا ھېسابلىنىدۇ.

خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە بوشلۇق پونكىتى قۇرۇپ، كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولۇش، ئۇزاققىچە قارايدىغان ئادەم بار بولۇشتەك بوشلۇقتىن ئەمەلىي پايدىلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ قەدەملىك مېڭىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ 3 - قەدەم ۋەزىپە - نىشانى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چاڭجېڭ 5 - نومۇر B تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى راكېتانىڭ ئومۇمىي لايىھەسى، ھەرقايسى تارماق سىستېمىلارنىڭ لايىھەسىنىڭ توغرىلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى دەلىللەپ، چوڭ ئۆلچەملىك ھاۋا ئېقىمىنى تەڭشەش قاپقىقىنى ئايرىش تېخنىكىسى، چوڭ دىيامېتىرلىق بۆلۈمچە - راكېتانى تۇتاشتۇرۇش - ئايرىش تېخنىكىسى، زور ئىتتىرىش كۈچى بىلەن بىۋاسىتە ئوربىتىغا كىرگۈزۈش ئېغىش پەرقىنى دەل كونترول قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بوشلۇق پونكىتىنى ئوربىتىدا قۇرۇش ۋەزىپىسى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سالغان.

بۇ قېتىمقى ۋەزىپە دەل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھە دەپ يامرىغان پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتۈن سېپى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش، يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش، پۈتۈن سىستېما بويىچە ماسلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، خادىملار كۆلىمىنى ئىخچاملاپ، ئۆلچەش - سىناش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالدى، تىزگىنلىدى. چاڭجېڭ 7 - نومۇر Α تىپلىق ۋە چاڭجېڭ 3 - نومۇر Β تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانى قويۇپ بېرىش مەغلۇبىيىتى ئېلىپ كەلگەن كەسكىن سىناق ئالدىدا، قۇرۇلۇش پۈتۈن سېپى سۈپەتنى تەرتىپكە سېلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كاشىلىنى ئايرىش ۋە بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملىدى. بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنىڭ تەييارلىق مەزگىلىدە يۈزبەرگەن سۈپەت مەسىلىسىگە قارىتا، «قوش بەش ماددا» بويىچە تۈگىتىش ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ھەم تېخنىكا مەسىلىسىنى تۈگىتىشنى تۇتۇپ، ھەم ئىدىيەۋى مەسىلىنى تۈگىتىشنى تۇتۇپ، ھەم مۇتەخەسسىسلەر لۇشيەنىدە مېڭىپ، ھەم ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىپ، ھەم تېخنىكىنى ياخشىلاش، ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەزىپىنىڭ سۈرئىتى بىلەن سۈپىتىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

1992 - يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىدا «ئۈچ قەدەملىك مېڭىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 20 نەچچە يىل مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ۋە داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 16 قېتىم مۇھىم، زور ئۇچۇش ۋەزىپىسى تەشكىللەپ يولغا قويۇلۇپ، 11 ئالەم ئۇچقۇچىسى جەمئىي 14 ئادەم قېتىم ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش ۋە بىخەتەر قايتىپ كېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، 1 - قەدەم، 2 - قەدەمدىكى بارلىق بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن توشۇغۇچى راكېتا ھەم ئېلىپ ماڭغان سىناق ئالەم كېمىسى ۋە سىناق بۆلمىسىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى ۋە جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق 2 - تەتقىقات يۇرتى باش بولۇپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان.

بۇ، چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ 331 - قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم