سەمىمىي ياردەم بېرىش، يۆلەش كۆڭۈلدىكى تۈگۈننى يەشتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز سۇڭ ياۋېن

«ئىنىم ياردەم بېرىشتىن ئىلگىرى، باقمىچىلىق قىلىش ئىزچىل كۆڭلۈمدىكى بىر <تۈگۈن> ئىدى» دېدى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرى چاغانمورگىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇر سوپاخۇن مۇخبىرغا.

نۇر تىلغا ئالغان ئىنىسى جىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى خې جيەنشىن ئىدى. 2018 - يىلى 2 - ئايدا 53 ياشلىق خې جيەنشىن نۇر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان، «تۇغقان بولغان ئىكەنمىز، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، مەن ئامال قىلىپ ئاكامنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن».

ئەينى چاغدا، نۇر ئۆيىدە ئاغرىقچان خوتۇنىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ئۆزىمۇ ئېغىر رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، مېڭىشى قولايسىز ئىدى. ئەر - خوتۇن 12 مو يەرنىڭ ھۆددىگەرلىك ھەققى ۋە ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى سۈپىتىدە تارقىتىپ بەرگەن ئىككى تۇياق نامراتلارنى يۆلەش كالىسىغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى.

خې جيەنشىن نۇر ئائىلىسىنىڭ بىر مودىن كۆپرەك ھويلىسىنىڭ تاشلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مېۋىلىك كۆچەت تىكىش، كۆكتات تېرىش ۋە توخۇ بېقىشقا تايىنىپ، ئۇنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدى. نۇر توخۇ بېقىش دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، توختىماي بېشىنى چايقىدى، «مەن ئىلگىرى باشقىلارنىڭ چارۋىسىنى باقاتتىم، كالا قوتىنىنىڭ يېنىدىكى بوش يەردە 800دىن ئارتۇق توخۇ باققانىدىم، نەتىجىدە تۇيۇقسىز كېسەل تېگىپ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى، دەسمايەمدىن بىراقلا ئايرىلىپ قالدىم، مېنىڭ يەنە توخۇ باققۇم يوق».

شۇنىڭدىن كېيىن، خې جيەنشىن دائىم نۇر ئائىلىسىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا توخۇ بېقىشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئانالىز قىلىپ بەردى، ھەم ئۇنىڭغا ئۆيدە بېقىلغان يەرلىك توخۇنىڭ بازار ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، نۇر ئاخىر يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىشقا قوشۇلدى.

خې جيەنشىن تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، ئادەم باشلاپ بېرىپ نۇرنىڭ ھويلىسىنى تۈزلەش، مېۋە - چېۋە كۆچىتى تىكىش، كۆكتات تېرىش، رەڭلىك پولاتتىن لاپاس ياساشقا ياردەملەشتى، يەنە 4000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلەپ ئۇنىڭ ھويلىسىغا 50 كىۋادرات مېتىرلىق توخۇ كاتىكى سالدى. نۇرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خې جيەنشىن يەنە ئۇنى باشلاپ باشقا توخۇ باقمىچىلىق فېرمىلىرىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۆگەندى، چۆجە ۋە يەم سېتىۋالدى، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ كۆچەت تىكتى، كۆكتات تېرىدى، توخۇ باقتى، كالا باقتى... خې جيەنشىننىڭ ئالدىراش سىيماسىنى كۆرۈپ، نۇر چوڭقۇر تەسىرلەندى. ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، نۇر ئەينى چاغدا توخۇ بېقىشتا مەغلۇپ بولۇش سەۋەبىنىڭ توخۇ بېقىش قىيىن بولغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى باقمىچىلىق تەجرىبىسىنىڭ كەملىكىدىن بولغانلىقىنى ئاندىن چۈشەندى.

خې جيەنشىننىڭ ياردىمىدە، نۇر باققان توخۇلار ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ تۈگىدى، ئۇ تېرىغان كۆكتاتلىرىدىن خۇشاللىنارلىق ھوسۇل ئالدى، 2018 - يىلى ھويلا - ئاران ئىگىلىكىگە تايىنىپ كىرىمىنى 6000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇردى.

«ھازىر، كۆڭلۈمدىكى تۈگۈن ئۈزۈل - كېسىل يېشىلدى.» نۇر كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 1 - ئايدا، مەن 6000 يۈەنگە بىر موزاي سېتىۋالدىم، ھازىر يەنە بىر كالام بوغاز بولدى، 5 - ئايدا موزايلايدۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن، مەن يەنە 100 توخۇ باقماقچى بولۇۋاتىمەن. ئىنىمنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەن يەنە ئون پاقلان سېتىۋالدىم، 10 - ئايلاردا ئۆيۈمدىكى قويلارنى ساتسام بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4