ياشلىق نۇرىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا چاقنىتىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش سۆزىدىن يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە نەزەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ۋاڭ پېڭ، ۋاڭ سىبېي، ۋاڭ زىمىڭ

«يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى <4 - ماي> روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك قابىلىيەتنى تاۋلاپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، يۈز مىليونلىغان خەلق بىلەن بىرلىكتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپىرى يولىدا باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەك».

«4 - ماي» ياشلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر ياشلىرىغا ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى يوللاپ، كەڭ ياشلارغا نىشان - تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش تاماملىنىدىغان يىلدا، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تارىخىي كېسىشىش يىلىدا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىش خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش

كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش... يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، لياۋنىڭ ئۆلكىسى داليەن شەھىرى جىنپۇ يېڭى رايونى چىدىڭشەن كوچا باشقارمىسىنىڭ 38 ياشلىق مۇدىرى لۈ چىپېڭ ئىزچىل بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇردى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىگەنلىكى بىزدىن خەلق ئاممىسىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئاممىسىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ، تەدبىر بەلگىلىشىمىزنى تەلەپ قىلغانلىقىدۇر» دېدى لۈ چىپېڭ.

لۈ چىپېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان پارنىك كۆكتاتلىرى ۋە چوڭ گىلاس بىر مەھەل كاساتلاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك سېتىش سۇپىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، پارنىك كۆكتاتلىرى ۋە چوڭ گىلاسنىڭ سېتىلىش يولىنى ئاچقان. «ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىگەن، ئىنچىكە ئىشلىگەن، ياخشى ئىشلىگەندىلا، ئاندىن پۇقرالارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.» دېدى لۈ چىپېڭ.

«ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، ئاندىن خەلقنىڭ مەيدانىنى مۇستەھكەملىگىلى ۋە يۈكسەلدۈرگىلى بولىدۇ.» كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ياش پىدائىيلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ چاۋخۇي مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ مەيدانى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەگە بولغان ھېسسىياتتا، خەلققە بولغان ھېسسىياتتا ئىپادىلىنىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جەزمەن ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك».

خۇبېي شيەننىڭنىڭ جيايۈ ناھىيەسىدىن كەلگەن «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىشچىسى جوۋ توفۇ يۇقۇم مەزگىلىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، كونا مەھەللىلەردىكى يالغۇز قالغان ياشانغانلار ئۈچۈن دورا، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلارنى ۋاكالىتەن سېتىۋالدى. «ئاھالىلەر ئېھتىياجلىق بولسا، بىز ھەرىكەتكە كېلىمىز. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىق ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئاز - ئازدىن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىمىز.» دېدى جوۋ توفۇ.

گۇيجوۋنىڭ بىجيې شەھىرى ۋېينىڭ ناھىيەسى شىمېن يېزىسى ئىتتىپاق كەنتىدىكى «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇ جۈنپۇ خەلقنىڭ مەيدانىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە پۈتتى.

«نامراتلارنى يۆلەيدىغان ياش كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ بوشاشماي تىرىشىش بىزنىڭ <خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش>تىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز». خۇ جۈنپۇ مۇنداق دېدى: دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش ئارقىلىق، ھازىر پۈتۈن كەنتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان يەنە 14 ئائىلىدىكى 46 كىشىلا قېپقالدى، ناھىيە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىشنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانماقتا.

خۇ جۈنپۇ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت جەريانىدا، مەن داۋاملىق ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئۆزۈمنىڭ ئەڭ گۈزەل ياشلىق چاغلىرىنى نامرات تاغلىق رايوننىڭ تەرەققىياتىغا بېغىشلاپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمەن».

كۈچلۈك قابىلىيەتنى تاۋلاش دەۋرنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش

«تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلىرى پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە بەس - بەستە ئاتلىنىپ، خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، چىن ھېسسىيات بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچان روھىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يۈكسەك ئالقىشىغا ئېرىشتى».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بېيجىڭ داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى لى رەننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. چاغاننىڭ 2 - كۈنى ۋۇخەنگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جىددىي خىزمىتىگە ئاتلاندى.

ھۆججەتلەرنى ئۆگىنىش، ئىلمىي مۇھاكىمە قىلىش، ھەرقايسى جايلارنىڭ داۋالاش تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىش... لى رەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش بىلەن بىللە، بىز نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ۋىرۇسقا بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز توغرىلاپ، تېخىمۇ ئىلمىي داۋالاش ئېلىپ باردۇق.

«دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۈچلۈك قابىلىيەتنى تاۋلىغاندىلا، ئاندىن مېھرىبان قەلبىم ۋە تېخنىكام بىلەن خەلققە بەخت يارىتالايمەن.» لى رەن مۇنداق دېدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان كۈنلەردە، ھەر قېتىم ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ قېنىدىكى ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى ئۆرلەپ، نەپەسلىنىشى مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرگىنىمدە، بارلىق تۆلىگەن بەدەللىرىمنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

كۈچلۈك قابىلىيەتنى تاۋلاشتا، ئۆگىنىشنى بىر خىل مەسئۇلىيەت، بىر خىل مەنىۋى ئىنتىلىش قىلىپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس كىشىلىك ھاياتنى يېزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.

4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، 24 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلىرى 4 - ماي مېدالى»نى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. جياڭسۇ سۇنىڭ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ تېز يەتكۈزۈش خادىمى پەن خۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىدى.

150 مىڭدىن ئارتۇق يەككە تېز يەتكۈزۈشنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى تاماملاش نىسبىتى %100كە يېتىش، بۇ، پەن خۇنىڭ تېز يەتكۈزۈش خادىمى بولغاندىن بۇيانقى نەتىجە تىزىملىكى. پەن خۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۈگۈنكى كۈندە تېز يەتكۈزگۈچىلەر «يۈگۈر - يېتىم ئىش قىلغۇچى»دىن «قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغانلار»غا ئايلاندى، دەرھال تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، يەتكۈزۈش - قاچىلاشنى بىر گەۋدە قىلىش، ئوراش - قاچىلاش، يىغىۋېلىش... ھەر خىل ماھارەتلەرنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

بۇلتۇر، تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، سۇنىڭ ئەشيا ئوبوروتى بىلەن نەنجىڭ پوچتا - تېلېگراف داشۆسى بىرلىشىپ «تېز يەتكۈزۈش شۆيۈەنى» قۇردى. «مەن بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇردۇم، ئۆگىنىش ئارقىلىق خىزمەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ماھارەت توپلاشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى پەن خۇ.

كۈچلۈك قابىلىيەتنى تاۋلىغاندىلا، ئاندىن يۈز مىليونلىغان خەلق بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپىرى يولىدا قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقىلى بولىدۇ.

رەقەملىك تېخنىكا ساھەسىگە كۈچەۋاتقان جېجياڭ كۈندىلىك ھەمتۈرتكە تورى پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى فاڭ يى يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سانلىق مەلۇمات ئەقلىي ئىقتىدار سۇپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ئاچتى.

رەقەملىك تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، فاڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش ئورنى ئۈزلۈكسىز بېيىۋاتىدۇ، بىز قەدەمنى توختىتىپ قويساق بولمايدۇ. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى بىزنى چەكسىز ئىلھاملاندۇردى. بىز تىرىشىپ ئىچكى گۇمپىنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، بىلىم ۋە ئىقتىدارنى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كونكرېت چارىگە ئايلاندۇرۇپ، ياشلىقىمىزنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلىمىز».

غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىش

ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى شىئەن قاتناش داشۆسى ئالەم قاتنىشى - ئاۋىياتسىيە شۆيۈەنىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى سۇڭ سىياڭنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە پەن تەتقىقات خىزمىتىگە نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچكە ئىگە قىلدى.

«دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە يۆنىلىشىنى ئىزدەش مەن پەن تەتقىقات خىزمىتىنى باشلىغان چاغدا ئۆگەنگەن تۇنجى دەرس. بىز غايە - ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، پەن تەتقىقات خىزمىتىنى ۋەتەننىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، شەخسىي غايىمىزنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى بېغىشلىشىمىز كېرەك» دېدى سۇڭ سىياڭ.

بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ بىر دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بار، ياشلارنىڭ ياشلارغا خاس مەسئۇلىيىتى بار.

«شىزاڭنىڭ داۋالاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇش مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇيۇم ئىدى». بېيجىڭ داشۆسى تېببىي بۆلۈمىنىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇرى لى ئاڭ بۇلتۇر 8 - ئايدا شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كېلىپ، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچلىقىغا تەيىنلەندى. كېسەل كۆرۈشكە چىقمىغان ۋاقىتتا، ئۇ دائىم كەنتلەرگە بېرىپ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ خەلق رايىنى ئىگىلىدى. تەكرار دەلىللەش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇ دوختۇرخانىغا باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، سانلىق مەلۇمات يىغىپ توپلاش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپلىگەن كەسپىي تەكلىپلەرنى بەردى.

يەنە ئۈچ ئاي ئۆتسە، لى ئاڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىدۇ. «شىزاڭنىڭ داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ئۆزۈمنىڭ بىلىمى ئارقىلىق بۇ يەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشالىغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم» دېدى لى ئاڭ.

بېغىشلاشنى دەۋر ئېقىمىغا سىڭدۈرۈپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ياشلىق سەھىپىسىنى پۈتۈش.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، جەنۇبىي جۇڭگو تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى ماتېرىيال ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى دۇەن چۈنخۇي ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى نەچچە ئايدىن بۇيان ئىزچىل توردا ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، قۇياش باتارېيەسى ساھەسىدىكى تېما تەتقىقاتىنى ئالغا سىلجىتتى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ماقالىنى ۋەتەن چوڭ تۇپرىقىدا يېزىپ، ئۇللۇق تەتقىقاتقا كۈچ سەرپ قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.» 2017 - يىلى، دۇەن چۈنخۇي گوللاندىيەدىكى ئۆگىنىشنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ مۇناسىۋەتلىك ساھەدە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇردى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلارنى جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ، بىز پەن تەتقىقات خادىملىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تالانتىمىزنى نامايان قىلىدىغان سەھنىنىڭ تەييارلانغانلىقى، كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن بۇ دەۋرگە يۈز كەلگىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى دۇەن چۈنخۇي.

(يېزىشقا قاتناشقانلار: سەي يۇڭجۈن، لياڭ جيەنچياڭ، لو فېي، لىن مياۋمياۋ، خې لېيجىڭ، جاڭ شۈەن، شۈ زۇخۇا، لى جيەن، جىڭ خۈەيچياۋ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4