ئەتىيازلىق ياخشى پەيت چىڭ تۇتۇلدى يېزىلار ئەتىيازلىق پەرۋىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز

ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئېتىز باشلىرىدا دېھقانلار ئەتىيازلىق پەرۋىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بەزىلەر مېۋىلىك دەرەخلەرنى قوشۇمچە ئوغۇتلىدى، بەزىلەر كېۋەزلىكتە تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسىغا تارماق نەيچىلەرنى ئۇلىدى، بەزىلەر بۇغداي ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى... ھەممىلا جايدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتىدە، تۇنىياز تۇرسۇن كەنتتىكى باغ - ئورمان پەرۋىش قىلىش «يەرلىك مۇتەخەسسىس»لىرىگە ئەگىشىپ، ياڭاق دەرىخىگە يوپۇرماق ئوغۇتى پۈركىدى، چىلان دەرىخىدىكى كېسەللىك، ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

«كادىرلار ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ بىزگە ياردەملىشىپ ئەتىيازلىق پەرۋىش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى، تېخنىكلار ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ بىزگە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى، مۇلازىمەت قىلدى. ئەتىيازلىق پەرۋىش ئوبدان قىلىنسا مول ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ» دېدى تۇنىياز.

ئونسۇ ناھىيەسى باغ كۆلىمى چوڭ ناھىيە بولۇپ، ياڭاق، چىلان، ئالما قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك خاس باغ كۆلىمى 1 مىليون 250 مىڭ موغا يېتىدۇ. ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئابدۇۋەلى ياسىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل ئونسۇ ناھىيەسى مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يولغا قويۇپ، باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرىدۇ.

«مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئەتىيازلىق پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى مۇلازىمىتىدە، بىز باغۋەنچىلىك تېخنىكلىرى ۋە ئالاقىدار كەنت كادىرلىرىنى تەربىيەلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، 56 باغۋەنچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باغۋەنچىلىك پەن - تېخنىكىسى مۇلازىمىتىدىكى <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر>نى راۋانلاشتۇردۇق» دېدى ئابدۇۋەلى.

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئەتىگەندە، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى قاراقۇم كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سەمەت ئەمەت ئورنىدىن تۇرۇپلا كېۋەزلىكىگە كېلىپ تېمىتىپ سۇغىرىش تۇرۇبىسىغا تارماق نەيچە ئۇلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشىگە ياخشى تەييارلىق قىلدى.

تېرىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەسى كېۋەزلىكلەردە قوش يوپۇق يېپىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىپ، نەملىكنى ساقلاپ، كېۋەز ئۇرۇقىنىڭ ئۈنۈش نىسبىتى ۋە ئەي بولۇش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.

بۇ يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار پاختا بازىسى بولغان لوپنۇر ناھىيەسى كېۋەز تېرىش جەريانىدا، قوش يوپۇق يېپىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتكەندىن باشقا يەنە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش، يول باشلاش سىستېمىسىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا قوللاندى.

«ھازىر كېۋەز تېرىشتا ئاساسەن تۈجۈپىلەپ تېرىش سېيالكىسى ئىشلىتىلىدۇ، تېرىش كۆلىمى تېجىلىپلا قالماي، قۇر ئارىلىقىنىڭ خاتالىق پەرقى پەقەت ئىككى سانتىمېتىرلا بولۇپ، ماشىنا بىلەن پاختا يىغىشقا ئىنتايىن چوڭ قولايلىق يارىتىدۇ. ھازىر يېرىمىزگە كېۋەزنى تولۇق تېرىپ بولدۇق، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىسە، 5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مايسا مەزگىلىدىكى پەرۋىش قىلىشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز» دېدى سەمەت.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 3 مىليون 300 مىڭ موغا يېتىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ھازىر 2 مىليون 800 مىڭ مو يەر تېرىلىپ بولغان. بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا سىستېمىسى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق پەرۋىشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ئېتىز بېشىغا بېرىپ، مايسا ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەم تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەرتىپلىك تەشكىللەپ، كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئېلىش، پاختىكارلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

«تېرىش جەريانىدا چوقۇم دانلىق زىرائەت سېيالكىسىنى ئىشلىتىپ قۇرلاپ تېرىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، تېرىغاندا خىمىيەۋى ئوغۇتنىڭ ئۇرۇقنى كۆيدۈرۈۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىشكە بولمايدۇ...» 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئەتىگەندىلا، كۆكتوقاي ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تەتقىقاتچىسى جۇماتاي قاجىباي تېمېكى يېزىسى دۇزباي كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىقچىلىقى چوڭ ئائىلىسى ياڭ ۋېيدۇڭنىڭ ئېتىزىغا كېلىپ، پۈتۈن كەنتتىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە نەق مەيداندا بۇغداي ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى مەركەزلىك ئۆگەتتى.

تېمېكى يېزىسى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغان سوغۇق تاغلىق رايونغا تەۋە بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت، ھاۋاسى سالقىن، كېچە - كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولغاچقا، يازغى بۇغداينىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا ئالتاي ۋىلايىتىدىكى يازغى بۇغداي كۆپ چىقىدىغان رايون. ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئىنچىكە مەشغۇلات قىلىشمۇ شۇ جايدىكى بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلىنىڭ 500 كىلوگىرام ئەتراپىغا يېتىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تۈجۈپىلەپ تېرىشنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، كۈزدە مول ھوسۇل ئېلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۆكتوقاي ناھىيەسى «يەرلىك مۇتەخەسسىس» «دېھقان تېخنىك»لارنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرگەن، ھازىر 32 ئادەم ئۇزاق مۇددەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئىلگىرى، بۇ ناھىيە يەنە مەخسۇس يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتىپ، ئوخشاش بولمىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە قارىتا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ سۈپەتلىك تېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

(مۇخبىرىمىز جاڭ تىڭ، قاتناشقان مۇخبىر جاڭ جىلى، بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن شيې شياۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ جىنلياڭ)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4