29 ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ 18 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى

ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قوزغاتتى

29 ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ 18 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە: يېقىندا ئاپتونوم رايون 2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قوزغاتقان، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى جەمئىي 29 ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپ 18 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.

خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سائەت 10دىن 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 18گىچە، 2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم ئىمتىھان بېرىش كىنىشكىسىغا ئېرىشكەن ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى (www.xjzk.gov.cn) «شىنجاڭ ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىمتىھان مۇلازىمىتى سۇپىسى»غا چىقىپ، توردا تىزىملاتسا ۋە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ.

ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ يىل ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى تەڭشىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئىمتىھان بېرىشكە تەشكىللىمەي، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسىگە ئالاقىدار پەنلەرنىڭ نەتىجىسىنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاساسى قىلىدۇ. گۈزەل سەنئەت تۈرى، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقانلار ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت تۈرى، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرگە بىرتۇتاش ئىمتىھان بېرىشتە لاياقەتلىك بولۇش نومۇر سىزىقىغا يەتكەندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار كەسىپلەرنى تولدۇرسا بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بۇ يىل ئارزۇ تولدۇرۇشتا پەقەت بىرلا ئالىي مەكتەپنى تاللىيالايدىغان بولغاچقا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىر مەكتەپكە تىزىملىتىشقا توپلىشىپ قالماسلىقى كېرەك، ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيەسىگە ئالاقىدار پەن نەتىجىسى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېھتىماللىق نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ۋاقىت تىزىملىتىش ھالىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىمتىھانغا ئىدراكىي تىزىملىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4