17 مىليارد 660 مىليون يۈەن ئىناۋەت قەرز پۇلى يېشىل ئىقتىسادقا «مەدەت بەردى»

سانجى ئوبلاستىدا:

17 مىليارد 660 مىليون يۈەن ئىناۋەت قەرز پۇلى يېشىل ئىقتىسادقا «مەدەت بەردى»

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز گې يوۋجۈن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - پەسىلدە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئىناۋەت بېرىلگەن كارخانىلارغا 17 مىليارد 660 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقىتىش يېشىل يولى ئېچىپ، جەمئىي 9 مىليارد 320 مىليون يۈەن تارقاتتى.

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ غەربىي رايون ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ 5000 تۇياق سۈت كالىسى بېقىلىدىغان ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق بازىسىدا، سۈت كالىلىرى ئىلمىي نىسبەت بويىچە تەڭشەلگەن قۇۋۋەتلىك ئەتىگەنلىك بوغۇز يەۋاتاتتى.

«شىركەتنىڭ <ئىستىراھەت سەيلە - تاماشا چارۋىچىلىق مەيدانى + سەيلە - تاماشا ئۈلگە كۆرسىتىش دېھقانچىلىق مەيدانى> سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ سانجى ئوبلاستلىق شۆبە بانكىسى بىزنى 80 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، سۈتچىلىك كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۇل مۇئامىلە ئېقىن سۈيى يەتكۈزۈپ بەردى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى لى جىڭچيەن تونۇشتۇرۇپ.

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، سانجى ئوبلاستى تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىساد، ئايلانما ئىقتىساد، ئېكولوگىيە ئىقتىسادىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەكنى تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانىدىن ئىبارەت «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» دائىملاشقان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كارخانىلارنىڭ تۈر خىزمىتىنى قوللاش مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت بولۇش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ، يېشىل ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.

سانجى ئوبلاستلىق پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ۋاڭ دۇڭشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە دەل جايىدا، پۇختا تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، سانجى ئوبلاستى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 28 تۈرلۈك سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەم ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 15 جەھەتتىكى سىياسەت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ يېشىل ساھە، يېشىل كەسىپلەرگە توپلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگە قەدەر، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى 357 كارخانا، كۆلەمدىن تۆۋەن 2650 كارخانا، 17 مىڭ 400 ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا، 64 مىڭ 200 يەككە سودا - سانائەتچىنىڭ ھەممىسى ئىشنى%100 ئەسلىگە كەلتۈردى. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەدىتى، مالىيە ئۆسۈم ياردىمى، باجنى كېمەيتىش ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، توك ئىشلىتىش، گاز ئىشلىتىش ۋە ئۆي ئىجارە ھەققى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 3 مىليارد 250 مىليون يۈەن پايدا قويۇپ بېرىلگەن، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە 297 مىڭ قېتىم نەپ يەتكۈزۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4