ئىللىق قەلب ئاپتوموبىل رېمونتخانىسىدا ھېكايىلەر كۆپ

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ۋېي خۇڭپىڭ

«ئاكامنىڭ ئادەتتە خىزمىتى ئالدىراش، ۋاقىت چىقارمىقى تەس. بۈگۈن ئۇ ئالايىتەن ماڭا ھەمراھ بولۇپ، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىشىپ بەردى، ئەمگەك جەريانىدا تەستە قولغا كەلگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بولۇش شادلىقىدىن بەھرىمەن بولدۇق.» 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تىك قۇدۇق شىمالىي مەھەللىسىدىكى لىجىڭ ئىللىق قەلب ئاپتوموبىل رېمونتخانىسىدا، رېمونتخانا ئىگىسى ئەلقەم ئەنۋەر خې يافېينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ كۈلۈمسىرىگىنىچە، «ئاكاممۇ ئاپتوموبىلنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىككىمىز بىللە ئاپتوموبىل رېمونت قىلساق، ئىشنى ناھايىتى تېز قىلىۋېتىمىز» دېدى.

28 ياشلىق ئەلقەم «ئاكام» دەپ يېقىملىق چاقىرىدىغان خې يافېي ۋېيخۇلياڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى. 2018 - يىلى، خې يافېي تىك قۇدۇق شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، ئەلقەمنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق ئىكەنلىكى، توي قىلىپ بالىلىق بولغىنىغا ئۇزاق بولمىغانلىقى، تۇرمۇشىنىڭ نىسبەتەن قىيىن ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن خې يافېي ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. خې يافېي كۆپ قېتىم ئۇچرىشىش جەريانىدا، ئەلقەمنىڭ دادىسىنىڭ رېمونت زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى، ئەلقەمنىڭ ئادەتتە بىكار بولسىلا ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئەلقەمگە ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ئېچىش تەكلىپى بەردى.

ئەلقەم دادىسى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئىشىكى ئالدىدا ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى ئېچىشنى قارار قىلدى. خې يافېينىڭ ياردىمىدە، 2018 - يىلى ئەلقەمنىڭ «لىجىڭ ئىللىق قەلب ئاپتوموبىل رېمونتخانىسى» تىجارەت باشلىدى.

ھەش - پەش دېگۈچە ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەلقەمنىڭ سودىسى كۈندىن - كۈنگە روناق تاپتى؛ خې يافېينىڭ خىزمەت ئورنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، ئەمما بۇ ئىككىيلەننىڭ ئاكا - ئۇكىلىق مېھرى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا. خې يافېينىڭ ۋاقتى بولسىلا بېرىپ ئەلقەمنى كۆرۈپ كېلىدۇ. «ئىنىمدىن بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، ھەر قېتىم كەلگىنىمدە كۆپ ھاسىلاتقا ئىگە بولىمەن» دېدى خې يافېي.

ئەلقەم مۇنداق دېدى: «تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئاكامنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ».

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4