ئىشلەپ ياخشى كۈنگە ئېرىشتى  تۇرمۇشى ھەسەلدىنمۇ تاتلىق ئۆتمەكتە

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز گې يوۋجۈن    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سۇڭ خۇامىن

4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سەھەردە، سانجى شەھىرى يۈشۈگوۋ بازىرى چارۋىچىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بىجيەننىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى چېكىلدى، كەلگىنى ئىزچىل ئۇنىڭ ئۆيىدىن مال كىرگۈزىدىغان سانجى شەھىرىدىكى خېرىدار ئىدى.

بىردەمدىلا، بىجيەن بىلەن خوتۇنى شيالى خېرىدارغا ياردەملىشىپ 100 كىلوگىرام قۇرۇت ۋە سېرىق ماينى ئاپتوموبىلغا قاچىلىدى. بۇ چاغدا، بىجيەننىڭ ئۆيىگە يېڭى سۈت ئېلىپ كەلگەن كەنت ئاھالىسى قالس مۇنداق دېدى: «ئەتىياز كەلگەندىن بۇيان، بىجيەن ئاكىنىڭ ئۆيىدىن ئىزچىل خېرىدار ئۈزۈلمىدى».

لېكىن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، بىجيەن ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بۇنداق ئەمەس ئىدى. ئۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىرنەچچە سۈت كالىسى باققان بولۇپ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن سۈت سېتىشقا تايىنىپ بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، كۈنلىرى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى.

2018 - يىلىنىڭ بېشىدا، بىجيەننىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ كادىرى چېن ياڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ زىيارەت قىلىپ، بىجيەن ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئازراق كالا سۈتى سېتىشقا تايىنىپلا تۇرمۇشىنى قامدايدىغانلىقىنى بىلىپ، بىجيەن ئائىلىسىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاشنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قارارىغا كەلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، چېن ياڭ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بىجيەننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇلارغا سۈپەت ئېتىراپنامىسى، يېمەكلىك تازىلىقى، ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش قاتارلىق سىياسەت، قانۇن - نىزاملارنى سۆزلەپ بەردى، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەرخانىسى قۇرۇشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېن ياڭ سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىجيەن ئائىلىسىنىڭ ھۈنەرخانىسىغا ئۈچ فازىلىق توك مەنبەسى ئورنىتىپ بەردى.

«بۇ يەردىكى چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى سۈت مەھسۇلاتلىرى ياساشنى بىلىدۇ، لېكىن ياخشى سېتىش يولى تېپىش ئۈچۈن، جەزمەن خاسلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.» چېن ياڭ بىجيەن ئەر - خوتۇنغا داۋلى سۆزلەپلا قالماي، بەلكى ئۆيىگە كەلسىلا، ئىش كىيىمى ئالماشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەرخانىسىغا كىرىپ ياردەملىشىپ بىللە ئىشلىدى. مېتال تىغلىق ئەسۋابلاردا كەسكەندە غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چېن ياڭ يەنە مەخسۇس ساپال پىچاق ئېلىپ كەلدى. ھەربىر ئىش ھالقىسىدا قايتا - قايتا «ئىجتىھات بىلەن ئىشلەش» ئارقىلىق، بىجيەن ئائىلىسىنىڭ قۇرتلىرىنىڭ تەمى ئالاھىدە ياخشى بولدى، خېرىدارلارنىڭ ناھايىتى ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

چېن ياڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىجيەن ئەر - خوتۇن ئىشلىگەنسېرى ئىشەنچكە تولدى. 2019 - يىلى، چېن ياڭ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، بىجيەنگە نەسىھەت قىلىپ ئۆيىدىكى سۈت كالىسىنى ساتقۇزۇۋېتىپ، تولۇق ئاپتوماتىك ماتېرىيال قورۇش ماشىنىسى، قاينىتىش - ئارىلاشتۇرۇش قازىنى ۋە توك دۇخوپكا قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، كەنتتىن يېڭى سۈت سېتىۋېلىشقا باشلىدى، سۈت تەركىبىنى ئانالىز قىلىش ئەسۋابىدىن پايدىلىنىپ سۈتنىڭ ئاساسلىق سۈپەت كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ، خېرىدارلارنى خاتىرجەم قىلىدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقاردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بىجيەن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن تەدرىجىي ھالدا سۈت مەھسۇلاتلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ پىششىقلاش يولىغا ماڭدى، شۇنداقلا كەنتتىكى سۈتلەرنى مۇقىم سېتىلىش يولىغا ئىگە قىلدى.

چېن ياڭ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن خالىسانە ساتقۇچى بولۇپ، كارخانىلارغا كىرىپ، ئورگان ئاشخانىلىرىغا كىرىپ، ئولتۇراق رايونلارغا كىرىپ سېتىش يوللىرىنى ئىزدىدى ھەم ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە سېتىشقا ياردەملەشتى. بىجيەن ئائىلىسى ئىشلەپچىقارغان سۈت مەھسۇلاتلىرى ئۈرۈمچى، سانجى، چۆچەك، قاراماي قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.

ئىلگىرى سۈت كالىسى باققان چاغدا، بىجيەن ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يەتمەيتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى. ھازىر بىجيەننىڭ ئۆيىگە كىرسەك، تۆت ئېغىزلىق خىش ئۆيى ئازادە، يورۇق بولۇپ، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىكەن، ھويلىدا يەنە بىجيەن بۇلتۇر سېتىۋالغان كىچىك ئاپتوموبىل بار ئىكەن.

ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ تەدرىجىي كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بىجيەن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن كەنتتىكى قولۇم - قوشنىلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئورتاق بېيىدى. بىجيەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان يېرقالى خەينۇللا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئېلىپلا قالماي، يەنە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم».

ئىشلەپ ياخشى كۈنگە ئېرىشتى، تۇرمۇشى ھەسەلدىنمۇ تاتلىق ئۆتمەكتە. بىجيەن ھاياجانلانغان ھالدا بىزگە مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزدىكىلەر ياخشى سىياسەتكە ئۇلاشتۇق، ياخشى تۇغقان تۇتۇۋالدۇق، بۇ يىل مەن تىرىشىپ ئىشلەپ، تۇرمۇشۇمنى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلايمەن».

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4