يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇش  يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش

− تۇنجى پەسىللىك جۇڭگو ئىقتىسادىنى كۆزىتىش − سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئەن بېي، خې شىنرۇڭ، خەن جېن

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. بۇ يىل 1 - پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.1 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش ھەجمى 1 -، 2 - ئايدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 8.4 پىرسەنت پوئېنت تارايغان بولۇپ، سېلىنمىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى روشەن كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

«يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى»نى تېزلىتىش، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاش، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش... كۆز ئالدىدىكى كىرىزىس، كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقتىن پۇرسەتنى تۇتۇش ۋە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسى قەتئىي يولغا قويۇلۇپ، سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈلدى.

«يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى»دىن يېڭى پۇرسەت يارىتىش

تەخمىنەن 236 مو يەر ئىشلىتىپ، 25 مىڭدىن كۆپرەك ئاپپارات ئىشكاپى قۇرۇش پىلانلاندى... يېقىندا ئومۇمىي سېلىنمىسى 15 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تېڭشۈن چاڭجياڭ دېلتىسى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش مەركىزى ھەم كەسىپ بازىسى شاڭخەينىڭ سۇڭجياڭ رايونىغا ماكانلاشتى.

4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، چۇڭچىڭدىكى 28 مۇھىم، زور تۈردە مەركەزلىك ئىش باشلىنىپ، ئومۇمىي سېلىنما تەخمىنەن 105 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە تۈرى 22، ئومۇمىي سېلىنما 81 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، 5G تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇل ئەسلىھە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى بارلىققا كەلتۈردى ھەم ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى»نى باستى، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى يۈكسەك دىققەت قوزغىدى.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى بۇ يىل ئىچىدە يېڭىدىن 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 48 مىڭنى قۇرۇشنى پىلانلىدى؛ گۇيجوۋ ئۆلكىسى تىرىشىپ بۇ يىل 5G ئاساسىي پونكىتىنى 10 مىڭغا يەتكۈزۈپ، شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى شەھەر مەركىزىي رايونلىرىنى تولۇق قاپلىتىدۇ؛ جۇڭگو تېلېگرافى ۋە جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئاساسىدا 300 مىڭ 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇش نىشانىنى تاماملاشنى پىلانلىدى...

5G تورى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ئېھتىياج تەرەپتىن كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا باشلامچىلىق قىلىنىدۇ؛ تەمىنات تەرەپتىن ئىشلەپچىقىرىش، ئىستېمال، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە ئېنېرگىيە بېغىشلىنىپ، ئوتتۇرا، يۇقىرى تېرمىنال بىلەن تەمىنلەش كۆپەيتىلىپ، كەسىپ ۋە ئىستېمال جەھەتتە «قوش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بۇنى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئورتاق مەنپەئەتلىنىدۇ، كۆپەيتىش ئۈنۈم ئېففېكتى ئېلىپ كېلىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ دەل جايىدا مەبلەغ سېلىشقا كۈچەش

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بۇ يىل ھەرقايسى جايلار شەھەر - بازارلاردىكى 39 مىڭ كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 7 مىليونغا يېقىن ئائىلىلىك ئاھالىگە چېتىلىدۇ، بۇ، بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە كۆپەيدى، مۇھىم نۇقتا 2000 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان ئولتۇراق رايونلار بولىدۇ.

يۇقۇمنىڭ تەسىرى ئالدىدا، دىققەتنى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سېلىنما تۈرلىرىنى توغرا تاللىغاندا، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلىدىغان ئۈنۈمنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

«دۆلەتنىڭ يىرىك پىلانىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلار ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىدۇ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى ساھەسىدىكى سېلىنما نۇقتىلىق ئاشۇرۇلىدۇ؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ساھەسىدىكى قۇرۇلۇشلار كۈچەيتىلىدۇ؛ 5G تورى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى تېزلىتىلىدۇ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ» دېدى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سېلىنما مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ليۇ شىخۇ.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3 - ئايدا يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر 11 مىڭ 998 بولۇپ، ئالدىنقى ئىككى ئايدىكىدىن 9497 سى كۆپەيگەن. 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سائەت 12گە قەدەر، بىناكارلىق كارخانىلىرى ۋە ئۆي - زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %82.6 ۋە %85.6 بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2 - ئاينىڭ ئاخىرىدىكىدىن 43.3 ۋە 37 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن.

«بىر قاتار كۆرسەتكۈچلەر سېلىنمىنىڭ ئېشىش ئاساسىنىڭ مۇستەھكەملىنىۋاتقانلىقىنى، كەلگۈسىدە سېلىنمىنىڭ تۆۋەنلەشتىن تەدرىجىي قۇتۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سېلىنما مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى پېڭ يۇڭتاۋ.

ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى −

ھۆكۈمەتنىڭ ئاھالىلەر، ئىجتىمائىي كۈچلەر بىلەن ئۆزگەرتىش مەبلىغىنى مۇۋاپىق تۈردە ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، مەركەز مالىيەسى ياردەم پۇلى بېرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەخسۇس تۈر قەرزنى مايىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ ئۆزگەرتىش، تىجارەتكە قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

ئۇچۇر تورى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا قارىتا، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، بازار سېلىنمىسىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكتلارنىڭ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا، مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەت يېتەكلەش ۋە قوللاش كۈچەيتىلىپ، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ قولايلىق بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

شېڭ لېي مۇنداق قارىدى: يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئالدىنقى مەزگىللىك سېلىنما كۆپ، تېخنىكىنىڭ دەۋرىيلىك يېڭىلىنىشى تېز، پايدا ئېنىقسىزلىقى چوڭ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئالدىنقى مەزگىلدە ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، لېكىن بازار ۋە كارخانىلار باش رول ئېلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ كىرىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي قوللىنىش ئورنى يېتىشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك بازار سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگە قەدەر، بۇ يىل تارقىتىلغان يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى 1 تىرىليون 160 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، ھەممىسى قاتناش ئەسلىھەلىرى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، شەھەر مەمۇرىيىتى ۋە كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىق مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلدى؛ ئومۇمىي سېلىنمىسى 470 مىليارد يۈەنگە يېقىن بولغان تاللانغان ئەلئارا سېلىنما تۈرلىرىدە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش كۈچەيتىلدى... ھۆكۈمەت سېلىنمىسى «ئاز ئارقىلىق كۆپكە تۈرتكە بولۇش» بولۇپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - پەسىلدە، ئەلئارا سېلىنما ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.8 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، تۆۋەنلەش ھەجمى 1 -، 2 - ئايدىكىدىن 7.6 پىرسەنت پوئېنت تارايغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇل ئەسلىھە ئەلئارا سېلىنمىسىنىڭ تۆۋەنلەش ھەجمى 13.5 پىرسەنت پوئېنت تارايغان، ياسىمىچىلىق ئەلئارا سېلىنمىسىنىڭ تۆۋەنلەش ھەجمى 5.8 پىرسەنت پوئېنت تارايغان.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4