«بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسى تورغا چىقىرىلدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى «بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسى تورغا چىقىرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۇپىنى تورغا چىقىرىش قوزغىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

«بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسى ساياھەتچىلەر ساياھەت جەريانىدا ئېرىشكەن ئۇچۇرى ۋاقتىدا بولماسلىق، ئەتراپلىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كىرىش ئېغىزى قىلىپ، «ساياھەتتىن ئىلگىرىكى، ساياھەت جەريانىدىكى، ساياھەتتىن كېيىنكى» ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، 5G، ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەت چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى، ئاقىل ساياھەت باشقۇرۇش سۇپىسى، ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ھەم ماركېتىڭ سۇپىسى بەرپا قىلىپ، «بىر يان تېلېفون بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. سۇپىنىڭ تورغا چىقىرىلىشى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد دەۋرىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

نۆۋەتتە، سۇپىدا A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونى، مېھمانساراي، مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرى، يېمەك - ئىچمەك، پۇقراۋى قونالغۇ، مەنزىرە رايونىنىڭ قولدا سىزىلغان خەرىتىسى، ئاستا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇساپە قاتارلىق 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاساسىي سانلىق مەلۇمات تورغا چىقىرىلىپ، شىنجاڭ ساياھىتىدىكى غىزالىنىش، قونالغۇ، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت قىلىش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

كېيىنكى قەدەمدە، بۇ سۇپا ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ سۇپىسى ۋە باش كىرىش ئېغىزى قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئالاقىدار كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارىلەر ھەمدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى توپلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئەلا سۈپەتلىك بايلىقى مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ ئورتاق بەھرىلىنىش زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، ساياھەت سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، مۇكەممەل، توغرا، ۋاقتىدا بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇپىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ساياھەتچىلەرگە مەسلىھەت بېرىش، ئەرز - شىكايەتلەرنى بىرتەرەپ قىلىش، مېھمانساراي زاكاز قىلىش، توردا راسچوت قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4