پۈتۈن مەملىكەتتىكى %70كە يېقىن ساياھەت مەنزىرە رايونى ئېچىۋېتىلدى

30%لىك ئەڭ چوڭ سىغدۇرۇش مىقدارى قاتتىق ساقلىنىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شۈ جۈنجيې) 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لو شۇگاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى% 70كە يېقىن ساياھەت مەنزىرە رايونى تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلدى، گۇگۇڭ سارىيى ۋە دۆلەت مۇزېيىمۇ 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئېچىۋېتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كۆپچىلىكنىڭ ساياھەتكە چىقىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ئېچىۋېتىش، چەك قويۇپ ئېچىۋېتىش، ئالدىن كېلىشىپ ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

«ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى كۈتۈۋالىدىغان ئادەم سانى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سىغدۇرۇش مىقدارىنىڭ %30ىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.» لو شۇگاڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئويلاشقاندا، ساياھەت بايلىقىنى تېخى تولۇق ئېچىۋېتىشكە بولمايدۇ، جۈملىدىن مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۆي ئىچى قىسمىنى ۋاقتىنچە ئېچىۋېتىشكە بولمايدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئالدىن كېلىشىپ ساياھەت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالدىن كېلىشىپ ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ۋاقىتقا بۆلۈپ ئالدىن كېلىشىشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى ئارىلىق قالدۇرۇپ باغچىغا كىرىشكە، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ساياھەت قىلىشقا يېتەكلەپ، ئېقىم مىقدارىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، پاسسىپ ھالدىكى نەق مەيداندا تارقاقلاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۈرۈشتىن بۇرۇنقى پىلانلاش ۋە يېتەكلەشكە ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنىڭ زىيادە مەركەزلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، ئادەم توپلىشىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

لو شۇگاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى تازىلىق، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىپ، تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەشنى كۈچەيتىپ، يېپىق ئىمارەت، كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى، يېمەك - ئىچمەك سورۇنلىرى قاتارلىقلاردا ۋاقتىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى «ماسكا تاقاش، قولىنى پات - پات يۇيۇش، ئارىلىق ساقلاش» بويىچە شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تولۇق تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ساغلاملىق كودى»نى تەكشۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، تولۇق تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى كەڭ ساياھەتچىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالدىن كېلىشىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئادىتىنى پائال يېتىلدۈرۈشنى ئەسكەرتتى. ساياھەتچىلەر ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ساياھەت لىنىيەسى ۋە ساياھەت ۋاقتىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، بېرىش - كېلىشتىكى قاتناش قورالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئالدىن تىزىملىتىشى كېرەك. ئالدىن كېلىشەلمىگەن ساياھەتچىلەر ھەرگىزمۇ ئۆز ئالدىغا بارماسلىقى كېرەك، بولمىسا بىر تەرەپتىن مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇشقا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ساياھەتكە چىقىشىغىمۇ قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4