دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەنزىرە رايونلىرىدا قاتناشنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ

دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەنزىرە رايونلىرىدا قاتناشنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز ياۋ گاڭ، لۇ فېڭباۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن خۈي خەۋەر قىلىدۇ: «1 - ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار قاتناش قوراللىرى، ئاممىۋى مەيدان، بېكەتلەرنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەر سەپەرگە چىقىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

تەلەپ بويىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى كۈنلۈك كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچى سانىنىڭ بېكىتىلگەن ئەڭ چوڭ سىغدۇرۇش مىقدارىنىڭ %30ىدىن ئېشىپ كېتىشىگە بولمايدۇ.

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر ئېقىمىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئۈچۈن، ساياھەتچىلەر توردا راست نام تۈزۈمى بويىچە بېلەت سېتىۋېلىشنى، ئارىلىق ئاپتوموبىلىدا ئارىلىق قالدۇرۇپ ئولتۇرۇشنى يولغا قويدى. بۇنىڭدىن باشقا، مەنزىرە رايونى خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلارنى كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرگە 1.5 مېتىر ئارىلىق ساقلاپ ساياھەت قىلىشنى ئەسكەرتتى. مەنزىرە رايونىدا تاشلاندۇق ماسكا مەخسۇس ئەخلەت ساندۇقى تەسىس قىلىندى.

ساياھەتچىلەر دۇنيا موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە چوقۇم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى قوبۇل قىلىشى، ساياھەت قىلىشتا پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقىشى كېرەك. مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە ئىستېمالدا ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىپ، پۈتۈن مۇساپىدە «ئۇچراشماسلىق»نى ساقلىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

تىيانشان تۆمۈر چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا، ھەربىر ساياھەتچى مەنزىرە رايونىغا كىرىشتىن بۇرۇن چوقۇم ساغلاملىق كودىنى كۆرسىتىدۇ. مەنزىرە رايونى ھەر كۈنى قەرەللىك ھالدا ئارىلىق ئاپتوموبىلى ۋە ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزىنى دېزىنفېكسىيەلەيدۇ.

قاتناش جەھەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى ھەرقايسى ۋوگزال، ئورۇنلار ۋوگزال، ئۈسكۈنىلەرنى دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى، ھەرقايسى ۋوگزال، پويىزلاردا تازىلاش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە دېزىنفېكسىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ۋوگزالغا كىرىش - چىقىش، پويىزنىڭ قاتناش جەريانىدىكى ھەرىكەتچان كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلىدى.

پويىز قاتناۋاتقاندا، پويىز خادىملىرى ھەر ئىككى سائەتتە ۋاگون ئىچى، تازىلىق ئۆيى، ھاجەتخانا، ئەخلەت ساندۇقى، ئورۇندۇق، ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيەلىدى. پويىز ئاخىرقى ۋوگزالغا بېرىپ ئىسكىلاتقا كىرگەندىن كېيىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى پۈتۈن پويىزنى دېزىنفېكسىيەلىدى، يەنە پويىزدىكى بارلىق ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سۈزگۈچلىرىنى يۇيۇپ دېزىنفېكسىيەلىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى تەۋەلىكىدىكى 2200دىن ئارتۇق ئاپتوبۇسنى دېزىنفېكسىيەلەش سالمىقىنى زورايتتى. ئاپتوبۇسلارنى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دېزىنفېكسىيەلىگەندىن سىرت، ھەربىر ئاپتوبۇسنى يۈرۈش داۋامىدىمۇ يەنە دېزىنفېكسىيەلىدى، ھاۋا ئالماشتۇردى، تۇتقۇچ، ئاسما تۇتقۇچ قاتارلىق نۇقتىلىق قىسىملارنى كۈندە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكەتلىرى ھەر كۈنى قەرەلسىز دېزىنفېكسىيەلىدى، تاشيول يولۇچىلار تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى قوزغىلىشتىن بۇرۇن ھەم ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى خەلقئارا ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتىدە، خىزمەتچى خادىملار بېلەت سېتىش زالى ۋە كۈتۈش زالىدا پات - پات دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چاچتى ھەم دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى بىلەن پەلەمپەي تۇتقۇچى، ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سۈرتتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4