«كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ» ھەرىكىتى باشلاندى

ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز رېن جياڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: كۈلۈمسىرەپ مۇلازىمەت قىلىشنى ئورگانغا كىرگۈزۈش، مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈش، كارخانىغا كىرگۈزۈش، ۋوگزالغا كىرگۈزۈش، ئايروپورتقا كىرگۈزۈش، سودا ساراي، تاللا بازىرىغا كىرگۈزۈش، مەيدانغا كىرگۈزۈش، ئاممىۋى سورۇنغا كىرگۈزۈش... 5 - ئايدىن باشلاپ، «كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ» ساياھەت مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدىكەن. بۇنى مۇخبىرلار 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئاپتونوم رايون ئاچقان شىنجاڭ ئىچى ساياھەت بازىرىنى تېز جانلاندۇرۇش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىگەن.

بۇ ھەرىكەتتە شىنجاڭ ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ياخشىلاش، ساياھەتنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. پۈتۈن ساھە دائىرىسىدە كۈلۈمسىرەپ مۇلازىمەت قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئوبرازى، سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك، كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، «قىزغىن، مېھماندوست» قويۇق كەيپىيات يارىتىلىپ، ساياھەتچىلەر مەدەنىي، قېلىپلاشقان، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر يەن نەيمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ» ساياھەت مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈش بۇ يىللىق شىنجاڭ ساياھەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بۇ يىل 5 - ئايدىن باشلاپ يىل ئاخىرىغىچە يولغا قويۇش باسقۇچى، 2020 - يىلىدىن كېيىن ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇلىدۇ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ ئوبرازى، سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى، ساياھەت ھەم ئالاقىدار ساھە كەسىپكارلىرىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ساياھەت مەنزىرە رايون (نۇقتا)لىرى، ساياھەتچىلەر يىغىلىش - تارقىلىش مەركەزلىرى، مېھمانساراي (پۇقراۋى قونالغۇ)لار، خاس مال سېتىۋېلىش كوچا رايونلىرى، ساياھەت ساھە جەمئىيەتلىرى قاتارلىق ساياھەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ۋە خادىملار، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش - تىرانسپورت، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىق تارماقلار مەسئۇل بولغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، قاتناش قانۇن (ۋەزىپە) ئىجرا قىلىش نۇقتىلىرى، ۋوگزاللار، ئاپتوموبىل بېكەتلىرى، ئايرودۇرۇملار، ھەق ئېلىش پونكىتلىرى، مۇلازىمەت رايونلىرى، مەيدانلار ھەمدە كىرا ئاپتوموبىللىرى، لىنىيە ئاپتوموبىللىرى قاتارلىق تىجارەت تىرانسپورتى شىركەتلىرىدىكى كەسىپكارلار، سودا ساراي، تاللا بازارلىرى، مال سېتىۋېلىش كوچا رايونلىرى قاتارلىق سورۇنلار ۋە كەسىپكارلارنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە قاتنىشىدۇ.

ئالاقىدار تەرەپلەر «كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ» مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ» ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ» ساھە تەشەببۇسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە تېزلىكتە ساياھەت كەسپىنىڭ كۈلۈمسىرەپ مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىغان ياخشى كەيپىياتنى قانات يايدۇرىدۇ ھەم يارىتىدۇ.

يەن نەيمىن يەنە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ساياھەتچىلەر باھالاشنى ئاساس قىلغان «كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ» باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئىش ئورنى مۇلازىمەت مەشغۇلاتىنىڭ تەپسىلىي قائىدىسى ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت سۈپەتلىك ماركىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «كۈلۈمسىرەش چولپىنى» «كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ ئوبراز ئەلچىسى» قاتارلىق ئۈلگىلىك تىپلارنى تۇرغۇزۇپ، ئىندىۋىدۇئاللاشقان، ئادىمىيلەشكەن، خاسلاشقان، ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتى، ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىش دەرىجىسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «كۈلۈمسىرىگەن شىنجاڭ» مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4