جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش تەدبىرىنى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش تەدبىرى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى» ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، بۇ تەدبىر تۈزۈپ چىقىلدى.

«تەدبىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باھالاش خىزمىتىدە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىگە قارىتا، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ باھالاش كۆرسەتكۈچى تەسىس قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى قاتتىق تۇتۇش؛ خەلق ئېتىراپ قىلىش، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باھالاش شەكلى ۋە تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، باھالاش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك.

«تەدبىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى. (2) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا دائىر قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىش ئەھۋالى. (3) ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئەھۋالى ھەم يىللىق خىزمەت نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداش ئەھۋالى. (4) مەبلەغ سېلىش - ئىشلىتىش ئەھۋالى. (5) ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى. باھالاشتا 100 نومۇرلۇق تۈزۈم بويىچە نومۇر قويۇلۇپ، نومۇر قويۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، باھالاش نەتىجىسى مۇنەۋۋەر، ياخشى، لاياقەتلىك، لاياقەتسىز دەپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلدى.

«تەدبىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: باھالاش نەتىجىسى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاش، باھا بېرىش، مۇكاپاتلاش - جازالاش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ. باھالاش نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغانلىرىنى مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىنى سۆھبەتكە چاقىرتىپ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ جاۋابكارلىققا تارتىش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىدۇ، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4