يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتى ئۇزارتىلدى

نۆۋەتتە جەمئىي 3 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قەرز پۇل تارقىتىلدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: يېقىندا، ئاپتونوم رايون «يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن قوللاش سىياسىتى توغرىسىدىكى تولۇقلىما ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتقان. «ئۇقتۇرۇش»تا يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇددىتى ئەسلىي بېكىتىلگەن 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى توختىتىش كۈنىدىن 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە ئۇزارتىلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

ئاپتونوم رايوننىڭ يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش مۇددىتىنى تەڭشەپ ئۇزارتىشى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، سودىنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» تەلىپى بويىچە، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پائال قوللاش ئۈچۈن چىقىرىلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسەت تەڭشىشىدىن ئىبارەت.

«ئۇقتۇرۇش»تا، يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سوممىسى بىر قېتىمدا 80 مىڭ يۈەندىن، مۇددىتى بىر قېتىمدا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. قەرز پۇل بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى بانكىلار بىلەن يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل توختامى پۈتۈن ئاي بويىچە تۈزۈلىدۇ، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى شۇ مەزگىلدىكى بانكا قەرز پۇلىنىڭ بازاردىكى مەلۇم قىلىنغان باھا ئۆسۈم نىسبىتى (LPR) بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ ھەم توختامدا ئىمزالانغان كۈندىكى كونكرېت بانكا قەرز پۇلىنىڭ بازاردىكى مەلۇم قىلىنغان باھا ئۆسۈم نىسبىتى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە بېرىلگەن ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قايتۇرۇش مۇددىتى توشىدىغان كۈن، شۇنداقلا ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئۆسۈمىنىڭ ئاخىرقى ئۆسۈم بوغۇش كۈنى. يەككە سودا - سانائەتچىلەر ھەر ئۈچ ئايدا بانكىغا تۆلەشكە تېگىشلىك %50 ئۆسۈمنى تۆلەيدۇ، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، رايون)لىك مالىيە ئىدارىلىرى ھەر ئۈچ ئايدا قەرز پۇل بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان بانكىلارغا %50 ئۆسۈم ياردىمى ئاجرىتىپ بېرىدۇ. قەرز پۇل مۇددىتى ئۈچ ئايغا يەتمىسە، يەككە سودا - سانائەتچىلەر ۋە ناھىيە(شەھەر، رايون)لەر مالىيەسى ئەمەلىي قەرز پۇل ئاي سانى بويىچە ئۆسۈم تۆلەيدۇ، ئۆسۈم ياردىمى ئاجرىتىپ بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر، رايون)دىكى مالىيە تارماقلىرى ئاجرىتىپ بەرگەن ئۆسۈم ياردىمى ئەھۋالىغا ئاساسەن، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن بۇرۇن مالىيە ئۈستىگە ئالىدىغان ئۆسۈم ياردەم مەبلىغىنى ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك مالىيە تارماقلىرىغا ئاجرىتىپ بېرىدۇ.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە بېرىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل رەنە كەچۈرۈم قىلىنغان، كېپىللىك كەچۈرۈم قىلىنغان ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بولۇپ، ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر، رايون)لەر، مەھەللە(يېزا - بازار)لەر خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەھەللە(يېزا - بازار)لەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خادىملار ۋە قەرز پۇل بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان بانكا خىزمەتچى خادىملىرىدىن قۇرۇلغان يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەرز پۇلنى «ئىككى دەرىجىلىك بىرلىشىپ تەكشۈرۈش»، قەرز بەرگەندىن كېيىن ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھەم قەرز پۇل مۇددىتى توشقاندا قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك. 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە بېرىلگەن ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇددىتى توشىدىغان كۈن. قەرز پۇلنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن بىر ئاي بۇرۇن، ھەرقايسى مەھەللە(يېزا - بازار)لەر قەرز پۇل بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان بانكىلارنىڭ قەرز پۇلنى سۈيلەپ قايتۇرۇۋېلىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، قەرز پۇلنىڭ قەرەلىدە قايتۇرۇۋېلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك ھۆكۈمەتلەر خەۋپ - خەتەر تولۇقلىمىسى بېرىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتەن يۈزبەرگەن قەرز پۇل زىيىنى توغرىسىدا قەرز بەرگۈچى بانكا ۋە «ئىككى دەرىجىلىك بىرلىشىپ تەكشۈرۈش» تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك ھۆكۈمەتلەر %80 زىياننى ئۈستىگە ئېلىپ، خەۋپ - خەتەر تولۇقلىما پۇلىدىن چىقىم قىلىشى كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ سىياسەت 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگىچە، شىنجاڭدىكى 19 بانكا ئاپپاراتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 66 مىڭ 900 يەككە سودا - سانائەتچىگە جەمئىي 3 مىليارد 528 مىليون يۈەن ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل تارقىتىپ، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، سودىنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4