بېيىش يولىدىكى قېرىنداشلىق مېھرى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر

تارباغاتاي مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ پېڭ

«بۇ سىز ياخشى كۆرىدىغان كىيىم، ماۋۇ ئىككى بالىڭىزغا ئالغان غالتەكلىك كانكى ئاياغ... كېلىڭ، كىيىمنى كىيىپ بېقىڭ، يارىشامدۇ - ياراشمامدۇ.» «ئاكا، كىيسەم دەل كەلدى!» 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاكىسى ئەكەلگەن كىيىمنى كىيگەن پاراسەت مۇختاشنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولدى.

34 ياشلىق پاراسەت دۆربىلجىن ناھىيەسى گۇرتى يېزىسى كۆكسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇ دەۋاتقان «ئاكا» جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك شۆبە بانكىسىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى تۇڭ جياۋ بولۇپ، بۇ يىل 58 ياشتا. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ئىككىيلەن تۇغقانلاشقان بولۇپ، قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ھېكايىلىرى شۇنىڭدىن باشلانغان.

بۇلتۇر، پاراسەتنىڭ ئىشلەتكىنىگە كۆپ يىل بولغان كىچىك تىپتىكى تىراكتورىنىڭ بىر يىلدا ھېچقانچە پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تۇڭ جياۋ پاراسەتنىڭ چوڭ ئات كۈچىلىك تىراكتورغا ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. «بولۇشنىغۇ بولىدۇ، مۇھىمى سېتىۋالغۇدەك پۇل يوقتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە، چوڭ ئات كۈچىلىك تىراكتور سېتىۋالسام، قىلغىلى ئىش بولمىسا قانداق قىلىمەن؟» پاراسەت ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى ئېيتتى. «قىيىنچىلىق بولسا ئىككىمىز تەڭ ئامال قىلىپ ھەل قىلىمىز، چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ.» تۇڭ جياۋنىڭ سۆزلىرى پاراسەتنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى.

تۇڭ جياۋ ئەتراپىدىكى دوستلىرىنى ئۈندىدار توپى، دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ دائىرىدە ئۇچۇر تارقىتىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پاراسەتنىڭ كىچىك تىپتىكى تىراكتورىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى. ئارقىدىن، تۇڭ جياۋ پاراسەتنى ئېلىپ قەرز پۇل ئېلىشقا قاتراپ، ئۇنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن رەنىلىك قەرزىگە كېپىل بولۇپ، چوڭ ئات كۈچىلىك تىراكتور سېتىۋالدى ھەم تەرەپ - تەرەپتىن ئاغدۇرۇش، تېرىش، توشۇش قاتارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئالاقىلىشىپ بەردى.

ئاكىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشىغا بۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، پاراسەت مەزمۇت قەدەم بىلەن تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى، قەيەردە دېھقانچىلىق ئىشلىرى بولسا شۇ يەردە ئۇنىڭ ئالدىراش سىيماسى پەيدا بولدى. ئاققۇزغان تەردىن ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى، شۇ يىلى پاراسەت 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى.

يىل ئاخىرى رەنىلىك قەرز پۇلنى قايتۇرغاندا، پاراسەتنىڭ يەنە ئازراق پۇلى كەملەيدىغانلىقىنى بىلگەن تۇڭ جياۋ 12 مىڭ يۈەن پۇلنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

«تىراكتورغا تايانغاندىن سىرت، يەنە باشقا كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا بىخەتەر بولىدۇ.» تۇڭ جياۋ يەنە پاراسەتنىڭ ئۆيىدىكى سەككىز كالىدىن پايدىلىنىپ قانداق قىلغاندا كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى، «ئۆيدىكى كالىلارنى ياخشى بوداپ سەمىرىتسەك، موزاينىمۇ خېلى كۆپ پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ».

پاراسەت بۇرۇن باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى بىلمەيتتى، ئۆيىدىكى موزايلار ناھايىتى ئورۇق بولۇپ، كۆپ پۇلغا يارىمايتتى. تۇڭ جياۋ كالا فېرمىسىدىكى باقمىچىلىق مۇتەخەسسىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، پاراسەتكە كالىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشنى ئۆگىتىپ، ئۇنى كەنتتىكى ئىلمىي باقمىچىلىق كۇرسىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. ھازىر، پاراسەتنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسىدا ناھايىتى زور ئۆسۈش بولۇپ، ئۆيىدە سىلوس ئورىسى ياسىدى، يەم - خەشەك زاپىسى يېتەرلىك بولدى، يەنە ئۆلچەملىك كالا قوتىنى بار بولدى، موزايلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %100كە يېتىپ، بىر موزاينى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇلغا ساتالايدىغان بولدى.

مۇشۇ يىللاردىكى ئاكا - ئۇكا ئارىسىدىكى باردى - كەلدىنى ئەسلەپ، پاراسەت مۇنداق دېدى: «ئاكامنىڭ چىن قەلبىدىن قىلغان ھەربىر ياردىمىگە بىر ئائىلە كىشىلىرىدىنمۇ ئارتۇق چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى مۇجەسسەملەنگەن».

ھەر قېتىمقى ھېيت - بايرامدا، تۇڭ جياۋ بىلەن خوتۇنى پاراسەتنىڭ ئاتا - ئانىسىنى يوقلىغىلى بارىدۇ، پاراسەت بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ قۇرۇتۇلغان گۆش قاتارلىق مىللىي نازۇنېمەتلەرنى ئېلىپ تۇڭ جياۋنىڭ ئائىلىسىگە كېلىپ جەم بولىدۇ، ئاددىي - ساددا مىللەتلەر دوستلۇقى ئىككى ئائىلىدە «يىلتىز تارتىپ چېچەكلىدى».

4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، تۇڭ جياۋ يەنە پاراسەتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بۇ يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى مەسلىھەتلەشتى. «بۇ يىل مەن تىرىشىپ رەنىلىك قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بولىمەن، يەنە باشلامچى بولۇپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يۇرتداشلارنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى پاراسەت. «يارايسەن، سەن قىلىشنى خالىساڭلا، مەن چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن سېنى قوللايمەن» تۇڭ جياۋ شۇنداق دېگەچ پاراسەتنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4