چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىنى سىجىل كۈچەيتىش

− تۇنجى پەسىللىك جۇڭگو ئىقتىسادىنى كۆزىتىش − تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن ۋېيۋېي، دىڭ لې، جۇۋ زىياڭ

جۇڭگو بېيجىڭ، خۇيجوۋ، ئامېرىكا داللاس، ئۈچ جاي 5Gسىندا كۆرۈشۈش ئارقىلىق «بۇلۇت ئىش باشلاش»نى جاكارلىدى... نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان ئالاھىدە مەزگىلدىكى ئالاھىدە ئىش باشلاش مۇراسىمى 10 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان ئېكسون موبىل خۇيجوۋ ئېتىلېن تۈرىدە رەسىمىي ئىش باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.

بۇ، ئامېرىكا كارخانىسىنىڭ جۇڭگودا مۇستەقىل مەبلەغ سېلىپ قۇرغان تۇنجى مۇھىم، زور نېفىت خىمىيە تۈرى. نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى، بازارنىڭ كاساتلىشىشى ئالدىدا، ئېكسون موبىل 4 - ئاينىڭ باشلىرىدا چىقىمنى زور دەرىجىدە ئازايتىش ھەم بىر قىسىم مەبلەغ سېلىش قارارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى كەينىگە سۈرۈشنى جاكارلىدى، بىراق ئۇ جۇڭگوغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ.

«تۈر سېلىنمىسىنىڭ كۆلىمى زور، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، شىركەتكە نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈلۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىنىدۇ» دېدى ئېكسون موبىل(جۇڭگو)مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋەن لىفەن.

يۇقۇمنىڭ زەربىسى ئالدىدا، دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈردى. بىر قاتار تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، جۇڭگودىكى تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تېزلىتىلدى، چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 8700دىن ئارتۇق نۇقتىلىق تاشقى مەبلەغ كارخانىسىنى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنىگىچە، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى%70تىن ئاشقان كارخانا %72.8نى ئىگىلىگەن.

«تاشقى مەبلەغنىڭ ئاساسىي ھالىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى تەدرىجىي نورماللىشىشقا يۈزلەندى، زاكازنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچى تەدرىجىي ئاشتى.» دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يۈەن دا مۇنداق دېدى: بىرتۈركۈم تاشقى مەبلەغ يېڭى تۈرلىرىنىڭ پات ئارىدا ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى دۆلىتىمىزنىڭ سېلىنما مۇھىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە مۇستەھكەملىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇم داۋاملىق يامراپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش ھەمدە تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى.

سودا مىنىستىرلىقى تاشقى مەبلەغ مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى زۇڭ چاڭچىڭ مۇنداق تەھلىل قىلدى: چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، تېخنىك خادىملارنىڭ چېگرادىن چىقىپ جۇڭگوغا كېلىشى تېخىمۇ كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرىدى؛ ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ كۆپ جايلىرىدىكى پورتلار تاقالدى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچۇش توختىتىلدى، ھاۋا تىرانسپورت كۈچى قىسقارتىلدى، خىراجەت زور دەرىجىدە ئاشتى؛ ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيەدە نۇرغۇن جايلاردىكى زاۋۇتلار توختاپ قالدى، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ئېھتىياجلىق بىر قىسىم يۇقىرى تېخنىكا ئارىلىق زاپچاسلىرى، يېڭى ماتېرىياللارنىڭ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالدى؛ چېگرا سىرتىدىكى ئېھتىياج تۆۋەنلەپ، زاكاز ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ياكى كەينىگە سۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەرەققىياتىغا يېڭى زەربە ئېلىپ كەلدى.

يەر شارىۋى يۇقۇمنىڭ دۆلەت ھالقىپ مەبلەغ سېلىشقا بولغان تەسىرىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنىدا مۆلچەرلىنىشىچە، يۇقۇم ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى تۈپەيلىدىن بۇ يىل پۈتۈن يەر شارىدىكى چەت ئەل بىۋاسىتە سېلىنمىسى تۆۋەنلىشى ياكى تۆۋەنلەش نىسبىتىنىڭ %40كە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. «تورت» كىچىكلەپ، خەلقئارا مەبلەغ جەلپ قىلىش رىقابىتى يەنىمۇ كەسكىنلىشىدىكەن.

بۇ يىل 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىشلەتكەن تاشقى مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 تۆۋەنلەپ، يۇقۇم زەربىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرمۇ سىجىل كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.

جياڭسۇدا ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە(رايون) ئۈچ دەرىجىلىك مۇلازىمەتنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، خونۋېل، LG خىمىيەسى قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ يانداش كارخانىلىرىنىڭ ماس قەدەمدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئالغا سىلجىتىلدى؛ گۇاڭدۇڭ باسىف، ئېكسون موبىل قاتارلىقلارنىڭ سۆزلىشىۋاتقان، قۇرۇلۇۋاتقان نۇقتىلىق تۈرلىرىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى تېزلەتتى. جېجياڭ «توردا سودىگەر چاقىرىش يىغىنى» «توردا كېڭىشىش يىغىنى» قاتارلىق سودىگەر چاقىرىش ئۇسۇللىرىنى قانات يايدۇرۇپ، «يۈزتۇرا بولۇش»تىن «ئېكراندا قارىشىپ تۇرۇش»قا يۈزلىنىپ، ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا، تۈرلەرنى يىتتۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى... ھەرقايسى جايلار ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇردى.

يۈەن دا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاشقى مەبلەغ تۈرلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇنىدۇ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش تۈرلۈك سىياسەتلىرى ئىچكى مەبلەغ ۋە تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىغا ئوخشاش تەتبىقلىنىدۇ؛ 2020 - يىل نۇسخىسىدىكى تاشقى مەبلەغ ئىجازەت پاسسىپ تىزىملىكى ئېلان قىلىنىپ، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى يەنىمۇ كەڭ قويۇۋېتىلىدۇ؛ 2020 - يىل نۇسخىسىدىكى چەت ئەل سودىگەرلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كەسىپ مۇندەرىجىسى چىقىرىلىدۇ، ئىلھاملاندۇرۇش ماددىلىرى پەقەت كۆپەيتىلىدۇ، ئازايتىلمايدۇ؛ مۇھىم، زور تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى داۋاملىق ياخشى تۇتۇلىدۇ؛ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

يۇقۇمنىڭ زەربىسى ئالدىدا، بىرتۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك نەزەرگە ئىگە دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر قەدىمىنى توختاتماستىن، ئەكسىچە جۇڭگودىكى سېلىنما ئورۇنلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى. پارچە سېتىش ماگناتى كەيشىكې شاڭخەيدە جۇڭگونىڭ ئىچكى رايونىغا جايلاشقان ئىككىنچى دۇكىنىنى ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ستارباكىس، سام ئەزالىرى دۇكىنى، روسىن قاتارلىقلار جۇڭگودا مەبلەغ سېلىشنى زورايتىدىغانلىقىنى بەس - بەستە جاكارلىدى. خۇانەن ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان كارخانىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچ يىلدا جۇڭگودا يەنە مەبلەغ سېلىش ئارزۇسى يەنىلا كۈچلۈك بولۇپ، %70كە يېقىن كارخانا 2020 - يىلى جۇڭگودا يەنە مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان.

«جۇڭگو ئىقتىسادى نامايان قىلغان غايەت زور چىدامچانلىق، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ بازار ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىشى، ھازىرقى پۈتۈن يەر شارىۋى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىن ئارقا كۆرۈنۈشىدە، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ئىشەنچى ۋە كۆزلىمىسىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتتى.» سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ ئۇزاققىچە جۇڭگودا مەبلەغ سېلىش، تىجارەت قىلىش ئىشەنچىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4