13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 - قېتىملىق يىغىنى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى توغرىسىدىكى قارارنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. قارارغا ئاساسەن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنى 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىلىق، ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تۇرمۇشى تەدرىجىي نورماللاشتى. ھەرقايسى جەھەتتىكى ئامىللار ئۇنىۋېرسال كۆزدە تۇتۇلۇپ، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئېچىش شارائىتى ھازىرلاندى.

2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - قېتىملىق يىغىنىدا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنى 2020 - يىل 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىنغان ھەم يىغىن قارالمىسى تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. بۇ قارارغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىننىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن بىر قاتار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەنىدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر، زور يۇقۇمى تارقالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - قېتىملىق يىغىنىدا 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنى مۇۋاپىق كېچىكتۈرۈپ ئېچىش، كونكرېت يىغىن ئېچىش ۋاقتىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئايرىم بېكىتىش قارار قىلىندى.

ھەر جەھەتتىكى ئامىللار ئۇنىۋېرسال كۆزدە تۇتۇلۇپ، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 - قېتىملىق يىغىنىدا: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 - يىغىنىنى 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4