«بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» بويىچە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلەتتى

قاراماي:

«بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» بويىچە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلەتتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ سۇجۈەن خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاراماي شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ياڭ چۇنپىڭ قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىگە كېلىپ، قاشتېشى بۇيۇملىرى دۇكىنى ئېچىشقا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلدى. خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ياڭ چۇنپىڭ ناھايىتى تېزلا جەدۋەلنى تولدۇرۇپ بولدى ھەم ئىش بېجىرىش كۆزنىكىگە تاپشۇرۇپ، ئىلتىماس قىلغان ئىش تۈرلىرىنى ناھايىتى ئوڭايلا تاماملىدى.

نەق مەيداندا مۇلازىمەتكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەي دۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن باشلاپ، قاراماي شەھىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنىڭ سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلەتتى. بۇ مەركەز تۇنجى تۈركۈمدىكى «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى 50 ئىشنىڭ مۇندەرىجىسى، كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى. بىر قېتىملا ئۇقتۇرۇش قىلىش، بىر قېتىملا جەدۋەل تولدۇرۇش، بىر قېتىمدا بىرلىشىپ بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ تاماملاش مېخانىزمى ھەم بىرلەشتۈرۈپ تەستىقلاش، ماتېرىيال كەم بولسىمۇ بېجىرىش قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا پايدا يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، بېجىرىپ تاماملاش ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتىش، تاپشۇرىدىغان ماتېرىياللارنى يەنىمۇ ئىخچاملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاقىل ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پائال قوللاش ئۈچۈن، قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ «بىر ئىشى»نى ياخشى بېجىرىشنى يۆنىلىش قىلىپ، كۆپ بېجىرىلىدىغان ئىش تۈرلىرى ۋە «كۆپ كۆزنەككە قاترايدىغان» ئىشلارغا قارىتا، «تەرتىپنى ئازايتىش، ۋاقىتنى قىسقارتىش، بىرلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىش، بىرلەشتۈرۈپ بېجىرىش» پىرىنسىپى بويىچە، «توردا سېتىۋېلىش شەكلى»دىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، كۆپ تارماقنىڭ كۆپ خىل ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى كەسىپ سورۇنى بويىچە بىرىكتۈرۈپ، كەسىپ تەرتىپىنى قايتا تۈزۈش ۋە لايىھەنى ئەلالاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى ئىخچاملاپ، ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى بىرىكتۈرۈپ، ئىش بېجىرىش كۆرسەتمىسى تۈزۈپ، «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» بويىچە 50 ئىش تۈرىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى 50 ئىش تۈرىنىڭ مەزمۇنى «مەن دۇكان، تاللا بازىرى ئاچىمەن» «مەن مېۋە - چېۋە دۇكىنى ئاچىمەن» «مەن نىمكەش ئۆي سودىسى قىلىمەن» قاتارلىق ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇلازىمەت سۈرئىتى تېزلىتىلگەندىن كېيىن، ئىش بېجىرگۈچىلەر «بىر ئىشنى بېجىرىش كۆرسەتمىسى»گە ئاساسەن بېجىرىشكە تېگىشلىك ئىش تۈرلىرى ھەم ئەھۋاللىرىنى بېكىتىپ، بىر قېتىمدىلا بارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ، سىستېما ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى بەلگىلەنگەن تارماق ھەم مۇناسىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتلام - دەرىجىسىگە ئەۋەتىپ، بىر قېتىمدىلا تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان بارلىق ئىسپاتلارنى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىسپاتلارنى ئازايتىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

دەي دۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» ئىسلاھاتى قاراماي شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق مەمۇرىي تەستىق ساھەسى ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنى. ئىش بېجىرىش قەرەلى، تەرتىپىنى ئىخچاملاش ئاساسىدا، بىر قىسىم كىنىشكا بېجىرىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى قاترايدىغان يوللارغا خىزمەتچى خادىملار قاتراتقۇزۇلۇپ، ئۇچۇرنى كۆپرەك يوللاش، ئاممىنى ئازراق قاترىتىش تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئامما ۋە كارخانىلار ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان 50 ئىش تۈرىنىڭ بېجىرىلىپ تاماملىنىش ۋاقتى ئىلگىرىكى ئوتتۇرىچە 32 كۈندىن سەككىز كۈنگە قىسقارتىلىپ، %73 ئازايغان؛ تاپشۇرۇلىدىغان ماتېرىيال ئوتتۇرىچە 15 پارچىدىن ئالتە پارچىگە ئىخچاملىنىپ، %62.7 ئازايغان؛ ئەسلىدە كۆپ تارماققا 4.8 قېتىم قاتراش ئىسلاھاتتىن كېيىن پەقەت بىر قېتىم قاتراشقا قىسقارتىلىپ، %79.16 ئازايغان.

«بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» ئىسلاھاتى شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغىچە، قاراماي شەھىرىدىكى 5205 كارخانىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى %100كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4