قارلىق تاغ - مۇزلۇقلار، ياۋايى ھايۋانلار، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - ئاسارئەتىقىلەرنى قوغداش كۈچەيتىلىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىز «يېڭى ئۈچ تۈر»دىكى ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

قارلىق تاغ - مۇزلۇقلار، ياۋايى ھايۋانلار، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - ئاسارئەتىقىلەرنى قوغداش كۈچەيتىلىدۇ

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى «قارلىق تاغ - مۇزلۇقلارنى قوغداش» «ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش» ۋە «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - ئاسارئەتىقىلەرنى قوغداش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يېڭى ئۈچ تۈر»دىكى ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈلگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى جىن لىمىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى» «ئائىلە بىخەتەرلىكى» «قاتناش بىخەتەرلىكى»دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى مەخسۇس ھەرىكىتى («كونا ئۈچ تۈر» دەپ ئاتىلىدۇ)نى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسىنى تەپتىش قىلىش فۇنكسىيەسىنى پائال ئادا قىلىپ، بەلگىلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە قانات يايدۇرۇلىدىغان «قارلىق تاغ - مۇزلۇقلارنى قوغداش» «ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش» ۋە «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - ئاسارئەتىقىلەرنى قوغداش» ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى مەخسۇس ھەرىكىتى «يېڭى ئۈچ تۈر» دەپ ئاتالدى.

جىن لىمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قارلىق تاغ - مۇزلۇقلارنى قوغداش» تەپتىش ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى مەخسۇس ھەرىكىتىدە، تەپتىش ئورگانلىرى قارلىق تاغ - مۇزلۇقلارغا تەسىر يەتكۈزىدىغان كۆمۈر، ئېنېرگىيە، سانائەت، كان كارخانىلىرىنىڭ بۇلغىشىنى تۈزەش، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان قالدۇق كانلارنى تۈزەش، شۇنداقلا قاتناش - تىرانسپورتتا ئاپتوموبىللارنىڭ كېرەكسىز گازنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ قويۇپ بېرىشىنى تۈزەشكە نۇقتىلىق دىققەت قىلىدۇ؛ تاغلىق رايونلاردىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش، يېتىشتۈرۈش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىش، قارلىق تاغ - مۇزلۇقلار ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ قار - مۇزلارنىڭ ئېرىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، تاغلىق رايونلاردا بەلگىلىمىگە خىلاپ بوز يەر ئېچىش، دەل - دەرەخلەرنى كېسىش، زىيادە تېرىقچىلىق قىلىش، زىيادە مال بېقىش، تاغ ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى يىغىش - كولاش قاتارلىقلارنى مەخسۇس تۈزەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ قارلىق تاغ - مۇزلۇقلار ئەتراپىدا ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلىش قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىدۇ.

«ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش» تەپتىش ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى مەخسۇس ھەرىكىتىدە، تەپتىش ئورگانلىرى يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، بازار نازارەتچىلىكى قاتارلىق مەمۇرىي ئورگانلار بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دېلو يىپ ئۇچىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خىزمەت ۋە دېلو بېجىرىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى ئورتاق قوغداپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

«مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - ئاسارئەتىقىلەرنى قوغداش» تەپتىش ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى مەخسۇس ھەرىكىتىدە، تەپتىش ئورگانلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن جايلاردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تەۋەلىكىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - ئاسارئەتىقىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - ئاسارئەتىقىلەرنىڭ سانى، دەرىجىسى ھەم ھازىرقى قوغدىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ساقلانغان مەسىلە ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈرمۇتۈر رەتلەپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - ئاسارئەتىقىلەرنى قوغداشقا چېتىلىدىغان ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئەھۋالىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4