24 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلىرى 4 - ماي مېدالى»نى باھالاش ۋە 2020 - يىللىق «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ياخشى ياشلار»نى نامزاتلىققا تاللاپ كۆرسىتىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى بىرلىكتە 24 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلىرى 4 - ماي مېدالى»نى تارقىتىپ، ياشلار ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر تىپلار ۋە نەمۇنىچى ۋەكىللەرنى تەقدىرلىدى. دىڭ لياڭخاۋ قاتارلىق 60 يولداشقا 24 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلىرى 4 - ماي مېدالى» بېرىش، بېيجىڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى فۇتيەن دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئامما نامايىش بېزەكلىك ئاپتوموبىل تەگلىكى ياساش ۋە تېخنىكا كاپالىتى كوللېكتىپى قاتارلىق 34 ياشلار كوللېكتىپىغا 24 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلىرى 4 - ماي مېدالى كوللېكتىپى» دەپ نام بېرىش، ۋاڭ شو قاتارلىق 34 يولداشقا 24 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو ياشلىرى 4 - ماي مېدالى»نى تولۇقلاپ بېرىشنى قارار قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى 2020 - يىللىق «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ياخشى ياشلار» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابدۇغېنى لىتىپ قاتارلىق 149 مۇنەۋۋەر ياش ۋە بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ دۆلەتنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئەترىتى قاتارلىق تۆت ياشلار توپى بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4