ماددىي ئەشيا تەمىناتى كاپالەتكە ئىگە بولدى ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرى مۇقىم ئاشتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەتىگەندىلا، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش سودا بازىرىدىكى سودىگەر يەن خۇڭشىڭ كۆكتات سودا مەركىزىنىڭ 2 - نومۇرلۇق لاپىسىغا جايلاشقان يايما ئورنىغا كېلىپ، مال نۇسخىلىرىنى تىزىشقا باشلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي سودىگەرلەر بارا - بارا كۆپەيدى، يېڭى كۆكتاتلار لىق قاچىلانغان ئاپتوموبىللار كېلىپ - كېتىپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى. شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارەت باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى بۇ بازاردىكى كۆكتات سودا مىقدارى 4263 توننا بولۇپ، سېتىلىش دائىرىسى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان.

«يۇقۇم مەزگىلىدە، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتى كاپالىتىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى، بۇ گۇرۇپپا شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن، سىچۇەن، خېنەن قاتارلىق كۆكتات بىلەن نۇقتىلىق تەمىنلەيدىغان ئۆلكە، رايونلارغا بېرىپ ئۇدۇللاشتۇردى، بىزمۇ كەسپىي خادىملارنى بىللە ئەۋەتىپ، شۇ جايدىكى كۆكتاتچى ئائىلىلەر بىلەن ئېتىز بېشىدىلا مال بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالاپ، كۆكتاتنى يېتەرلىك مىقداردا تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدۇق. نۆۋەتتە، كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ئىنتايىن يېتەرلىك بولۇپ، ھەر كۈنلۈك تەمىنلەش مىقدارى 4000 توننا ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ» دېدى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارەت باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چىن جۇڭ.

كۆپ تەرەپلىك بىۋاسىتە تەمىنلەش يوللىرى ئېچىلىپ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باھاسى ۋە سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى... يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، بازار تەمىناتى يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئېشىشىنى ساقلىدى. ئاشلىق، ياغ، يېمەكلىك تۈرىدىكىلەرنىڭ پارچە سېتىلىشىنىڭ ئېشىشى بىرقەدەر ياخشى بولدى، بولۇپمۇ گۆش، قۇش، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكىلەر زور دەرىجىدە ئاشتى. 1 - پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە چەكلىك سوممىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئورۇنلار ئىشقا ئاشۇرغان ئاشلىق، ياغ، يېمەكلىك تۈرىدىكىلەرنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.8 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق، ياغ تۈرىدىكىلەر %4 ئاشتى، گۆش، قۇش، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر %34.7 ئاشتى، سۇ مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكىلەر %20.3 ئاشتى.

ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ تۇڭخۇي بازار چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ «كۆك - تاق» ۋە «مېۋە - چېۋە» بازىرى. 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، مۇخبىر تۇڭخۇي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر توپ سېتىش پونكىتىدا گۈرۈچ، ئۇن، ياغنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 نەچچە خىل ئاشلىق، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر تۈرىنىڭ تولۇق، مال مىقدارىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىگىلىدى. يۇقۇم مەزگىلىدە، تۇڭخۇي بازىرىدىكى 150 تىجارەتچىنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا بېرىپ ئاھالىلەر تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ نورمال تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى ھەم پائال تۈردە تەقسىملەش - يەتكۈزۈش سۇپىسى قۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە مال يەتكۈزۈپ بەردى. بازارنىڭ كۈندىلىك ئاشلىق، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 130 توننا ئەتراپىدا بولدى.

مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان كەررىفور تاللا بازىرىدا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرى مال جازىلىرىغا لىق تىزىلغان بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ تاللاۋاتقانلىقىنى كۆردى. شىنجاڭ كەررىفور تاللا بازىرى چەكلىك شىركىتى ۋاقىتلىق خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش، ئەتراپتىكى ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەقسىملەش - يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرىنى «كۆك - تاق»، «ئاشلىق»، «مېۋە - چېۋە» قاتارلىق تۈرلۈك زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4