ئاساسىي قاتلامنىڭ مالىيە كۈچىنى تولۇقلاش  يۈرۈشۈش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش

− «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك مۇلاھىزىنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش قىسمى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شېن چېڭ، ليۇ شياسۈن

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈزبېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زەربە ئېلىپ كەلدى. بەزى رايونلارنىڭ مالىيە كىرىم - چىقىم ۋەزىيىتى بىرقەدەر كەسكىن بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشى خىرىسقا دۇچ كەلدى.

يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، يەرلىك مالىيەنىڭ مەبلەغنى قالدۇرۇپ ئىشلىتىش نىسبىتىنى باسقۇچلۇق ئۆستۈرۈش، خۇبېي ئۆلكىسىگە قارىتا مەبلەغنى ھەپتە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەزىنە پۇلىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىش... يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىر قاتار تەدبىرلەر ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مالىيە كۈچى تولۇقلىنىپ، قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا كاپالەتلىك قىلىش كۈچەيتىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش تۆۋەن چېكى ھەقىقىي پۇختىلاندى.

كۆپ تەدبىر تەڭ قوللىنىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مالىيە كۈچى تولۇقلاندى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىر تەرەپتىن، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن مالىيە كىرىمىدە تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چىقىم كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سەرپ قىلىشقا توغرا كەلدى. «كىرىمنىڭ ئازىيىش» «چىقىمنىڭ كۆپىيىش» ئوتتۇرىسىدا ئاساسىي قاتلامنىڭ مالىيە كىرىم - چىقىم زىددىيىتى گەۋدىلىك بولدى.

بەزى ناھىيە دەرىجىلىك مالىيە كادىرلىرى مۇنداق بىلدۈردى: يۇقۇمغا پائال تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئايرىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش، دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى چىقىملارنىڭ ھەممىسى ئاز بولمىدى، مالىيە كىرىمىنىڭ ئازىيىشى قوشۇلۇپ، «ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مائاشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۈرۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش بېسىمى يەنىمۇ ئاشتى».

«يۇقۇم ۋەزىيىتىدە، ئاساسىي قاتلام مالىيە كىرىم - چىقىمىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇش بېسىمى زورايدى. جۇڭگو باج ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ليەنچى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، ئاچقۇچ «پۇل نەدىن كېلىدۇ» دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ نورمال، تەرتىپلىك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش.

يۆتكەپ چىقىم قىلىش مەبلىغىنى ۋاقتىدا چۈشۈرۈپ، يەرلىكنىڭ مالىيە مەبلىغىنى قالدۇرۇپ ئىشلىتىش نىسبىتىنى باسقۇچلۇق ئۆستۈرۈش ... يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىر قاتار تەدبىرلەر تېزدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مالىيە كۈچى تولۇقلاندى.

«بۇلتۇر 4 - پەسىلدە 6 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن يۆتكەپ چىقىم قىلىش مەبلىغى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن ئاساستا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئالدىن ئاجرىتىلغان تەڭپۇڭ يۆتكىمە چىقىم 70 مىليارد يۈەن، ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كۈچى كاپالىتى مېخانىزمى مۇكاپات تولۇقلىما مەبلىغى 40 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، يەرلىك مالىيەنىڭ خىراجەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى.» دېدى مالىيە مىنىستىرلىقى خامچوت مەھكىمىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ كېبىڭ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كىرىم - چىقىم زىددىيىتىگە پائال تاقابىل تۇردى.

خامچوت تۈزۈش، ئىجرا قىلىش، پۈتكۈل جەرياننى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەشنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مالىيەنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە «ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» مېخانىزمىنى ئورنىتىش ... يۈننەن ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى كۆپ تۈرلۈك كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر دەرىجىلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى كۈچلۈك قوللىدى.

قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كۈچەيتىلدى

1 - پەسىلدە ھەرقايسى جايلار ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، يۇقۇم بىرقەدەر ئېغىر رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ مالىيە كىرىم - چىقىم زىددىيىتى تېخىمۇ روشەن بولغان. بۇ رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش - قىلالماسلىق ئىنتايىن مۇھىم.

خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈش چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى 3 - ئايدىن باشلاپ، خۇبېي ئۆلكىسىگە قارىتا مەبلەغنى ھەپتە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتتى؛ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مالىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، خۇبېي ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ ناھىيە، رايون مالىيەسىنىڭ خەزىنە پۇلىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شياڭياڭ شەھىرى نەنجاڭ ناھىيەسىدە، كۆپ تەرەپ مەبلەغ توپلاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، مائاش، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۈرلۈك مەبلەغ ۋاقتىدا تارقىتىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نۇقتىلىق چىقىمى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىمۇ پائال تۈردە سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسى مالىيە جەھەتتە قىيىنچىلىقى بار ناھىيەلەردە مائاش مەخسۇس ئىسچوتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، 11 تۈرلۈك ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە كۈچى خاراكتېرلىك يۆتكىمە چىقىمنى قىيىنچىلىقى بار ناھىيەلەرنىڭ مائاش مەخسۇس ئىسچوتىغا بىۋاسىتە ئاجرىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆلكە بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان ناھىيەلەرنىڭ مالىيە مەبلىغىنى قالدۇرۇپ ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نەق پۇل ئوبوروتىنى يەنىمۇ كۆپەيتتى.

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچ قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتىنى ئىگىلەپ، مالىيەسىدىكى «يوچۇق»نى ئېنىقلاپ، خەۋپ - خەتەرنى بالدۇرراق تۈگىتىشتە.

«بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ناھىيە دەرىجىلىك مالىيەنىڭ خەزىنە پۇلىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەزىنە پۇلىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتتۇق.» دېدى مالىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت خەزىنىسى چىقىم مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ جىنيۈن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مېخانىزم خەزىنە پۇلىنىڭ كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى سەل تۆۋەن بولغان، مائاش تارقىتىشى قىيىن بولغان ناھىيە، رايونلارنى ئۈنۈملۈك كۆزىتىپ - ئۆلچەپ، يەرلىك مالىيە تارماقلىرىنىڭ پائال تەدبىر قوللىنىپ، خەۋپ - خەتەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، قىيىنچىلىقنى بالدۇرراق ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدىكەن.

ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

ھازىر، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئىقتىسادنىڭ «بارومېتىرى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، مالىيە كىرىم - چىقىمىنىڭ يۈرۈشۈشى يەنە داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرايدۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىمۇ داۋاملىق خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.

قىزىل رەقەم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە دۆلەت زايومى تارقىتىش... يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىغا ئاساسەن، تېخىمۇ زور سالماققا ئىگە مالىيە سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام مالىيە كۈچىنىڭ يەنىمۇ تولۇقلىنىشىدىن ئۈمىد بار.

«مالىيە قىزىل رەقىمى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، ئالاھىدە دۆلەت زايومى تارقىتىش مالىيە مەبلىغى <زاپىسى>نى بىۋاسىتە، ئۈنۈملۈك تولۇقلايدۇ.» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە - ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ سىياسەت مەبلەغلىرىنىڭ كۆلىمى نەچچە تىرىليون يۈەن دەرىجىگە يېتىپ، يەرلىكنىڭ كىرىم - چىقىم زىددىيىتىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىدىن ئۈمىد بار.

مۇتەخەسسىس، ئالىملار مۇنداق بىلدۈردى: ھازىرقى قىيىنچىلىقلارغا پائال تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا، يەنە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ تېخىمۇ ئەلا بولۇشى، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇشى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«ئاساسىي قاتلامنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ ھوقۇق بېرىشنى تېزلىتىش كېرەك.» جۇڭگو ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى ئىجتىمائىي سىياسەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ بېنبو مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىر تەرەپتىن، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسئۇلىيەت چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھوقۇق بېرىش تىزىملىكىنى تۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت بايلىقى، باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى ۋە خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

نۇرغۇن كەسپىي زاتلارنىڭ قارىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە يەنە خامچوت تۈزۈمى ئىسلاھاتى تېزدىن ئالغا سىلجىتىلىپ، خامچوت نەتىجە - ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نەتىجە - ئۈنۈمنى باشقۇرۇش ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغىچە ئۇزارتىلىپ، بارلىق مەبلەغنى قاپلاپ، سىياسەت ۋە مەبلەغنىڭ يۆنىلىشچانلىقى، دەل جايىدا بولۇشى، ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «غورىگىل كۈن»نى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، چەكلىك مەبلەغنى «دەل جايىغا» ئىشلىتىشىگە تۈرتكە بولۇنىدىكەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: خالىسە ئەخمەت
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4