1- پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 190 مىليون يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلى تارقىتىلدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى لىن خەۋەر قىلىدۇ: «پەقەت ئويلىماپتىمەن، ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئىككىنچى كۈنى، قۇتقۇزۇش - ياردەم پۇلىنى قولۇمغا ئالدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت» دېدى 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كۇيا بازىرى گۈلچى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئەخمەتجان ماخمۇت تېلېفوندا مۇخبىرغا.

ئەخمەتجاننىڭ يۇقىرى قان بېسىمى بار، خوتۇنىنىڭ سالامەتلىكىمۇ ياخشى ئەمەس، ئىككىلا بالىسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، يۇقۇم مەزگىلىدە ئۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلالمىغاچقا، ئائىلىسىنىڭ كىرىمى تەسىرگە ئۇچرىغانىدى. دەل مۇشۇ چاغدا، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم پۇلى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئەخمەتجانغا ئوخشاش ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇشقا ئېرىشكەن قىيىنچىلىقى بار ئامما يەنە ناھايىتى كۆپ. 1 - پەسىلدە، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 190 مىليون يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم پۇلى تارقىتىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى يۇڭفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ۋاقتىدا «كۈچلۈك، يادرولۇق» قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى چىقىرىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەشنى زورايتىپ، ئالاھىدە مەزگىلدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق مۇستەھكەملىدى، تولۇق پۇختىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى يەنە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، كاپالەتلەندۈرۈش شۆبە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خىزمەت مەخسۇس بەنى تەسىس قىلىپ، قىزىق لىنىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋا - تەلەپلەرنى كۈندىلىك مەلۇم قىلىش، قەرەللىك سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق ۋاقىتتا تېلېفوندا تەكشۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن تاسادىپىي، ۋاقىتلىق تۇرمۇش قىيىنچىلىقلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئارىلىشىش، بالدۇر قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، 12349 خەلق ئىشلىرى ئاممىۋى مەنپەئەت قىزىق لىنىيەسىدە 24 سائەت تېلېفونىست مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىشىغا ۋاقتىدا جاۋاب بەردى، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق دەۋا - تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلدى. «مەن سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە قىزىق لىنىيەگە تېلېفون قىلغانىدىم، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىياسىتىدە نوپۇسى شۇ جايدا بولمىغان كىشىلەرنىڭمۇ كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، مەن ناھايىتى تېزلا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلىنى ئالدىم، ئاساسىي تۇرمۇشۇم كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم» دېدى ئىچكىرى رايوندىن شىنجاڭغا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەن يۆ ئەپەندى.

ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، يېزا - بازار، كوچا باشقارمىلىرىدا ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش زاپاس فوندى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىشنى ئالغا سىلجىتتى، يېزا - بازار، كوچا باشقارمىلىرى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنىڭ ۋاقىتچانلىقىنى ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى يەنە ھەرقايسى جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا، سىياسەتتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىشىغا، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنىڭ تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، نەق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئارقىلىق قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى جانلىق قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4