شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېگىز ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمىدا قۇرۇلۇش باشلاندى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، قېزىش ماشىنىسىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، تاشقورغان پامىر ئايرودۇرۇمىدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېگىز ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى.

تاشقورغان ئايرودۇرۇمى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ 13 كىلومېتىر جەنۇبىدا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 3252 مېتىر ئېگىز. ئىگىلىنىشىچە، دېڭىز يۈزىدىن 2438 مېتىر(ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن يۇقىرى ئېگىزلىكتىكى ئايرودۇرۇم ئېگىز ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى دەپ ئاتىلىدىكەن. نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئېگىز ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمىدىن 15ى بار، قۇرۇلۇۋاتقان ئايرودۇرۇمدىن ئىككىسى بار(تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 14 - ئورۇندا تۇرىدۇ.

تاشقورغان ئايرودۇرۇمى دۆلەت، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «13 - بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش تۈرى، ئايرودۇرۇمغا 1 مىليارد 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇپ، 2022 - يىلى 5 - ئايدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى قۇرۇلۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لياۋ جېڭجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: تاشقورغان دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، يەر شەكلى مۇرەككەپ، ساپ بوشلۇق شارائىتى ناچار، ھاۋا كىلىماتى ناچار، لايىھەلەش خادىملىرى شىزاڭ، چىڭخەي قاتارلىق رايونلاردىكى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ئورۇن تاللاش، قۇرۇلۇش قىلىش تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى 30 كىلومېتىر دائىرىدە تاللانغان ئۈچ ئورۇننى سېلىشتۇرۇپ، تەھلىل قىلىپ، قايتا - قايتا دەلىللەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ناھىيە بازىرىدىن تۈز لىنىيە بويىچە 13 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاقتامنى ئايرودۇرۇم ئورنى قىلىپ بېكىتتى.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى مول ساياھەت بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، «ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىت» دېگەن نامى بار، لېكىن ساياھەتچىلەر ئادەتتە قەشقەر شەھىرىدىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بەش سائەتتە ئاندىن يېتىپ بارالايدۇ. ئايرودۇرۇم پۈتكەندىن كېيىن، تاشقورغاندىن قەشقەر، يەكەن، ئۈرۈمچى، غۇلجا، ئاقسۇ قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى شەھەرلەرگە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى پىلانلىنىدۇ، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلاندا يەنە تاشقورغاندىن شىئەن، بېيجىڭ، شېنجېن قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى كۆپەيتىلىدۇ، شۇ چاغدا، ئايروپىلان بىلەن پامىر ئېگىزلىكىگە بېرىپ ساياھەت قىلىش بىر خىل يېڭى مودىغا ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4