كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياساش ئەۋزەللىكىنى ساقلاش

− «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» بويىچە يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە: كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شىنشىن، جياڭ لىن

يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا « ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت سالمىقىنى زورايتىش تەكىتلەندى، بولۇپمۇ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كەلدى. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىگە كاپالەتلىك قىلىش ناھايىتى زور دەرىجىدە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ تەدبىرنىڭ ئەھمىيىتى ئالاھىدە.

كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش

بۇ ئەتىيازدا، كەپشەرلەنگەن تۇرۇبا بىر مەزگىل نىڭبو يىشياڭ پۈۋلەپ ياسالغان ئۆي جاھازلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جياڭ جىڭلېي ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان ئىش بولۇپ قالدى. ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، بىرلەمچى خام ئەشيا بولغان كەپشەرلەنگەن تۇرۇبا تەمىناتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى شىركەتنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت جىددىي ئالاقىلىشىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 15 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغان بىرنەچچە تەمىنلەش سودىگىرىنى تاللاپ ئۇدۇللاشتۇرغاچقا، كارخانىنىڭ يۈرۈشۈشى نورماللاشتى.

ئىقتىساد، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرى ئۆزئارا تۇتاشقان بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇھىم تىرىكى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن كارخانا بۇنىڭدىن كەلگەن بېسىمنى ھېس قىلدى. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالدى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خۇاڭ لىبىن مۇنداق دېدى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 15 تارماق بىلەن بىرلىشىپ كەسىپ زەنجىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش مەخسۇس بەنزىسى قۇردى. ئالدىنقى باسقۇچتا نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى 51 چوڭ تىپتىكى باشلامچى كارخانا ۋە 7300دىن ئارتۇق يادرولۇق يۈرۈشلەشكەن كارخانىنى رەتلەش ئاساسىدا، يەنە 41 باشلامچى كارخانا ۋە 379 يادرولۇق يۈرۈشلەشكەن كارخانىنى رەتلەپ چىقىپ، «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت» قوللىنىپ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىدە كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش.

ئاچقۇچلۇق «تۈگۈن نۇقتا»لارنىڭ راۋانلىشىشى بىرىنچى سەپتىكى ئىشلەپچىقىرىشقا ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، 92 باشلامچى كارخانا 400 مىڭدىن ئارتۇق بىرلەمچى، ئىككىلەمچى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا بىلەن ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان.

چېڭدۇ 1 - ئاپتوموبىل گۇرۇھى داجۇڭ چېڭدۇ شۆبە شىركىتىنىڭ 81 يەرلىك تەمىنلەش سودىگىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى تولۇق تاماملىشىغا تۈرتكە بولدى؛ جياڭسۇ 491 باشلامچى تايانچ كارخانىنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى 1400دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ماسلاشتۇردى... ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئالاقىدار جايلار ۋە تارماقلار «توسۇق نۇقتا»لارنى راۋانلاشتۇرىدىغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشتى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنىگە قەدەر، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش باشلاش نىسبىتى ۋە ئىش ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %99.1 ۋە %95.1كە ئۆرلىگەن بولۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدرىجىي ھالدا نورمال سەۋىيەگە يېقىنلاشقان ياكى يەتكەن.

ياسىمىچىلىق ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش

10 مىڭ ئىشچى - خىزمەتچى ئىش ئورنىغا بىخەتەر قايتىپ كەلدى، ئاقىل - نازۇك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى. 4 - ئاينىڭ بېشىدا، ليەنشياڭ ۋۇخەن كەسىپ بازىسىدا ئىلگىرىكى مەنزىرە ئەسلىگە كەلدى.

ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە CEOسى ياڭ يۈەنچىڭ مۇنداق دېدى: گەرچە يۇقۇم بىر قىسىم ئۇششاق زاپچاسلارنىڭ تەننەرخىنى ئۆرلىتىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ليەنشياڭنىڭ يەر شارىدا ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان تەمىنلەش زەنجىرى سۇپىسىنىڭ پايدىسى بىلەن، قىسقا مەزگىلدە روشەن تەسىرگە ئۇچرىمىدى، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈردى.

دۆلىتىمىز پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ياساش سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن يەرشارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەركىزى. تەمىنلەش زەنجىرى تورىنىڭ زورىيىشى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ماسلىشىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈم جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئەۋزەللىكى. ئەۋزەللىكنى ساقلاپ ھەم ئۇنىڭدىكى ئۈنۈمنى قېزىپ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشمۇ نۇرغۇن كارخانىنىڭ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتى.

«چەت ئەللەردىكى كارخانىلارنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋپ - خەتىرى تەمىنلەش زەنجىرىنى كونترول قىلالماسلىقىدا. بىز دۆلەت ئىچىدىكى تەمىنلەش سودىگەرلىرىگە ماسلىشىپ، ئورتاق تەتقىق قىلىپ - ئېچىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈپ يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىنتايىن خالايمىز.» جياڭسۇ يۈيۆ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈەن جېن مۇنداق دېدى: گەرچە بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قىسقا مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەل قىلالمىسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا بۇ ئىنتايىن زۆرۈر.

بەزى قاراشلاردا مۇنداق قارالدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم بەلكىم يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرىنى قايتا قۇرۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى، بەزى دۆلەتلەر ئاچقۇچلۇق خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز دۆلىتىنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىگە قايتىشنى تېزلىتىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، كەلگۈسى تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقنى ئىگىلەشكە پايدىلىق.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى سەيدى تەتقىقات يۇرتى سىياسەت، قانۇن - بەلگىلىمە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى لۇەن چۈن مۇنداق قارىدى: «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» بولغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇش ياسىمىچىلىق ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش، يەرشارىۋى ياسىمىچىلىق ئەندىزىسىنى تەڭشەشتە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا پايدىلىق.

يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتنى ئورۇنلاشتۇرۇش

كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، يىراق كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە.

ھازىر، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى تېز سىڭىپ كىرىپ يۇغۇرۇلدى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، كەسىپلەرنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمى، بازار يۈرۈشۈش مۇھىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. يۇقىرى سۈپەتكە قاراپ قەدەم تاشلىغان جۇڭگو ياسىمىچىلىقى رەقەملىشىش پۇرسىتىنى تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈشكە ئېھتىياجلىق.

زەنجىرنى مۇستەھكەملەش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، بولۇپمۇ ئىقتىسادنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئورۇنلاشتۇرۇشنى جەزمەن تېزلىتىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەر، ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا زور كۈچ سەرپ قىلىش، يادرولۇق تېخنىكا، خام ماتېرىيال ۋە ئۇششاق زاپچاسلار قاتارلىقلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، بولۇپمۇ ئاچقۇچلۇق ساھەلەر، نۇقتىلىق ھالقىلاردا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇھىم خام ماتېرىيال، ئۇششاق زاپچاسلار ۋە ئاساسلىق ئەسلىھەلەر تەمىناتىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلدى. بىر قاتار تەدبىرلەردە تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، باشلامچى كارخانىلارنى زورايتىش بىلەن بىللە، «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

«بىزنىڭ ئېكولوگىيە زەنجىرىمىزدە 1 مىليونغا يېقىن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا بار، نەچچە مىليون ئاچقۇچى ۋە ھەمكارلىق ھەمراھى پەقەت ئىجادكارلىق كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەندىلا، ئاندىن پۈتكۈل ئېكولوگىيە زەنجىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» دېدى بەيدۇ CEOسى لى يەنخۇڭ.

ھازىر، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى بىرلەمچى، ئىككىلەمچى ھالقىلارنىڭ ئاددىي جىپسىلىشىشى بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشكەن مۇرەككەپ ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ. باشلامچى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سۇپا كارخانىلىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسى ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى «ئىقتىدار»غا ئىگە قىلىش كېرەك.

رەقەملىك تېخنىكىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش» پۇرسىتىنى تۇتۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىرىكىشىنى زورايتىش كېرەك.

«5G، سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان تەسىرى غايەت زور.» جۇڭگو ئۇچۇر ئالاقە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ليۇ دو مۇنداق دېدى: 5G قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئادەم، ماشىنا، ماددىي ئەشيا ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلغان سانائەت ئالاقە تورىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش ئەسلىھەسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇچۇر، تېخنىكا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ دەل جايىدا سەپلىنىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدە ئۇدۇللىشىشىغا ناھايىتى زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4