يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش

− جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغان جانلىق ئەمەلىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چى جۇڭشى، لىن خۇي، ئەن بېي، لى چاڭجېڭ

4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېغىر ئاغرىقنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مەنپىي چىقىشى بىلەن، خۇبېي ئۆلكىسى ھەم ۋۇخەن شەھىرىدىكى بارلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېغىر ئاغرىق مىسالى نۆل بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بىرمەھەل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇش، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققاندا بىر كۈندە 13 مىڭدىن ئارتۇق ئاغرىق مىسالى يېڭىدىن كۆپىيىشتىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى يېڭىدىن كۆپەيمەسلىك، ئېغىر ئاغرىق نۆل بولۇشقىچە، داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە مۇھىم، زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋۇخەن خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، قىشتىن باھارغا ئۇلاشتى.

يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولغانلار غەلىبە قىلىدۇ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغانلار يېڭىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلىغاندىن بۇيان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى دۆلىتىمىزدە يۈزبەرگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 1 مىليارد 400 مىليون كىشى ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئۈزۈل - كېسىل غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم قىلىش

4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ۋۇخەننى «قامال قىلىش بىكار قىلىنىپ» ئون كۈن ئۆتتى. كەچ سائەت 7دە، پويىز باشلىقى شىن جيالې ۋۇخەندىن لوخېغا قاتنىغان G554 قېتىملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا چىقتى. 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ۋۇخەن ۋۇخەندىن چىقىدىغان يولنى تاقىغان كۈنى ئۇنىڭ ئولتۇرغىنى دەل مۇشۇ قېتىملىق پويىز ئىدى.

شىن جيالېنىڭ پويىزدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىل بولدى، ھەر يىلى چاغانلىق توشۇشتا، ئۇ لىق تولغان ۋاگونغا قاراپ، يولۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدىكى خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولاتتى. لېكىن بۇ يىل، ئۇ تۇنجى قېتىم ئادەم يوق قۇپقۇرۇق ۋوگزالغا يۈزلەندى.

«گەرچە 70 نەچچە كۈن ئادەتتىكى يولۇچىلار يولغا چىقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋۇخەن ۋوگزالىنىڭ يۈرۈشۈشى ئەزەلدىن توختاپ باقمىدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن خادىملار، ماددىي ئەشيالار ئۈزۈلمەي ۋۇخەنگە توپلاندى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى خۇبېي، ۋۇخەن خەلقى بىلەن بىللە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى بىرلىكتە قىلدى» دېدى شىن جيالې.

يۇقۇم تۇيۇقسىز تارقىلىپ، خۇبېينىڭ كۆپ جايلىرىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كىشىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، داۋالاش بايلىقى كەمچىل بولۇپ، قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى جىددىي لازىم بولدى!

ئاچقۇچلۇق پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جىددىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالى، ئادەم كۈچى بايلىقى زاپىسى ھەم ياردەم بېرىلگۈچى جايدىكى شەھەرلەردە داۋالاش بايلىقى كەمچىل بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، 19 ئۆلكىنىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ۋۇخەن شەھىرىدىن باشقا 16 شەھەر، ئوبلاست ھەم ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرگە نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇردى.

1 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، دۆلەتنىڭ داۋالاش ئەترىتى ۋۇخەنگە ياردەمگە ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇقلۇق، ئاۋىياتسىيە چوڭ يوللىرىمۇ يۇقىرى سۈرئەتتە يۈرۈشۈپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىشنى خاتىرىلىگەن جانلىق كۆرۈنۈشلەرگە ئايلاندى.

چاغاننىڭ 1 - كۈنى، جېجياڭ، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن تۇنجى تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەمگە ماڭغان داۋالاش ئەترىتىدىكى 300گە يېقىن كىشىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ ۋۇخەنگە ياردەمگە بېرىشىغا توغرا كەلدى، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى دەرھال داۋالاش ئەترىتىدىكىلەرنى خاڭجوۋ، نەنجىڭدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ خېفېيغا بارغاندا ئۇچرىشىش، ئاندىن پويىز ئالمىشىپ ۋۇخەنگە بېرىشقا ئورۇنلاشتۇردى. خېفېي جەنۇبىي ۋوگزالىدا پويىز ئالماشقاندا، 52 تۆمۈريول كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىسى كۈتۈۋېلىش گۇرۇپپىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ، داۋالاش ئەترىتى پويىزدا ئېلىپ ماڭغان 12 توننا داۋالاش بۇيۇمىنى ۋاقتىدا يۆتكەپ، 40 مىنۇت ئىچىدە پويىز ئالمىشىش خىزمىتىنى تاماملىدى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز ۋۇخەن ۋوگزالى تېببىي خادىملار، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ئەڭ كۆپ توپلىنىدىغان جاي بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1/3 قىسىمدىن ئارتۇق تېببىي خادىم، داۋالاش ماددىي ئەشياسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئارقىلىق ۋۇخەن ۋوگزالىغا توشۇپ كېلىنىپ، ئاندىن ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلارغا يەتكۈزۈلدى.

كومپارتىيە ئەزاسى، نۆۋەتچى ۋوگزال باشلىقى جيا چىڭچىڭ ۋەكىللىكىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ 33 يولۇچى توشۇش خادىمىدىن تەشكىللەنگەن «باشلامچى ياۋا غاز» پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەركۈنى ئون نەچچە قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنى كۈتۈۋالدى، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىدىن 500 نەچچە يەشىكنى يۆتكەپ توشۇدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 22 قېتىملىق پويىزنى كۈتۈۋالدى.

ۋۇخەندىن چىقىدىغان يول 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن باشلاپ تا 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ۋاقىتلىق تاقالدى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول جەمئىي تەخمىنەن 400 تۈركۈمدىكى تەخمىنەن 12 مىڭ خۇبېيغا ياردەم بەرگۈچى تېببىي خادىم ھەم قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىمىنى توشۇدى؛ خۇبېي ۋە ۋۇخەن رايونىغا جەمئىي توشۇپ يۆتكىگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ماددىي ئەشياسى 300 مىڭ توننىدىن ئاشتى.

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتە، ۋۇخەن تيەنخې ئايروپورتىنىڭ يولغا چىقىش چوڭ زالىدا «ۋەتىنىمنى كۈيلەيمەن» دېگەن ناخشا قايتا ياڭرىدى.

ئەڭ ئاخىرقى تۈركۈمدە چېكىنگەن دۆلەتنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئەترىتى − بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى داۋالاش ئەترىتىدىكى تەخمىنەن 180 كىشى 80 نەچچە كۈنلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، بۇ يەردىن بېيجىڭغا قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتى.

1 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاش ئەترىتى كەينى - كەينىدىن ۋۇخەنگە يېتىپ كېلىپ، تۇڭجى دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭفا شىنچېڭ دوختۇرخانا رايونىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭفا شىنچېڭ دوختۇرخانا رايونىنىڭ C9 كېسەلخانا رايونى رەسمىي تاقالدى. 109 ئېغىر ئاغرىق، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىق قايتىدىن ھاياتلىق ئۈمىدىگە ئېرىشتى.

يۇقۇم غالجىرلاشتى، ئەمما ئاۋىياتسىيە چوڭ يولى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، كېچە - كۈندۈز داۋاملاشتى.

1 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە، ۋۇخەن ۋۇخەندىن چىقىدىغان يولنى 70 نەچچە كۈن تاقىدى، جەمئىي 4400دىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان بۇ يەردە جىددىي قوندى ۋە ئۇچتى، خۇبېيغا ياردەم بەرگۈچى 36 مىڭ تېببىي خادىم تېز ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلدى، بۇ، 2008 - يىلى ۋېنچۇەندە پەۋقۇلئاددە ئېغىر يەر تەۋرىگەندىكى داۋالاش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى قوزغىتىشنىڭ كۆلىمى ۋە سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى.

تيەنخې ئايروپورتىنىڭ ئۇچۇش كۈندىلىك خاتىرىسىدە، بۇ بىرقانچە پەيت خاتىرىلەنگەن:

− 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ھۆددىگە ئېلىنغان 41 ئايروپىلان ۋۇخەنگە ياردەم بېرىدىغان 6000غا يېقىن تېببىي خادىمنى توشۇپ، توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە داۋالاش ئەترىتى خادىملىرىنى ئەڭ كۆپ كۈتۈۋالغان بىر كۈننى ياراتتى؛

− 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يۈن - 20 قاتارلىق ئۈچ تىپتىكى 11 ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانى خادىم ۋە ماددىي ئەشيالارنى لىق قاچىلاپ يېتىپ كەلدى، بۇ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانىنى تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق، چوڭ كۆلەملىك ئىشقا سېلىپ، جىددىي، چوڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشى ھېسابلىنىدۇ؛

− 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ھۆددىگە ئېلىنغان 51 ئايروپىلان بۇ يەردىن ئۇچۇپ، خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى 7000دىن ئارتۇق تېببىي خادىمنى قايتۇرۇپ كېلىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىجرا قىلغان ئەڭ چوڭ كۆلەملىك داۋالاش ئەترىتىنى چېكىندۈرۈش ۋەزىپىسى رېكورتىنى ياراتتى.

ھەرقايسى داۋالاش ئەترەتلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن تارتىپ تەشكىللەشنى تاماملاشقا كەتكەن ۋاقتى ئومۇمەن ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمىدى، يىغىلىپ يولغا چىققاندىن تارتىپ ۋۇخەن، خۇبېيغا يېتىپ بېرىشقا كەتكەن ۋاقتى ئومۇمەن 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمىدى.

«جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، كۆلىمىنىڭ زورلۇقى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ، جۇڭگو تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى، ئالاقىدار تەجرىبىلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ، جۇڭگو قوللانغان تەدبىرلەرنىڭ يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىغانلىقىغا ھەم ئەڭ ئاخىرىدا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى.

قەلبلەر، قوللار تۇتۇشۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش

تۈن پەردىسى يېيىلغان ۋۇخەندە چىراغ نۇرلىرى چاقناپ تۇراتتى. «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ باش تېما قىلىنغان «چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى» جياڭچېڭنىڭ «كېچە بولماس ئاسمىنى»نى بارلىققا كەلتۈردى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ئىسمى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يەنە «سىزنىڭ بولغىنىڭىزدىن مىننەتدارمەن، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭەيلى» دېگەن خەتلەرمۇ چاقنىدى.

خەتەرلىك پەيتتە، ۋۇخەن «يېگانە ئارال» بولۇپ قالمىدى، تېخىمۇ مۇھىمى يالغۇز جەڭ قىلمىدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ۋۇخەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ يۇرت - ماكاننى قوغدىماقتا.

1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئىدى، چۇڭچىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانىدىكى سۇڭ سەيپىڭ سېسترالارنى تەشكىللەپ كېسەلخانىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، ۋۇخەنگە يۈرۈش قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى.

«يۇقۇم ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، ھەربىيلەر جەڭ مەيدانىدا ئاتاكىغا ئۆتۈشى كېرەك!» خەتەرلىك پەيتتە بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغاندىن تارتىپ جابدۇنۇپ يولغا چىققۇچە پەقەت تۆت سائەتلا تەييارلىق ۋاقتى بار ئىدى. ئۆزى مەسئۇل بولغان ئاغرىقلارنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سۇڭ سەيپىڭ ئالدىراش ئۆيىگە قايتىپ يۈك - تاقلىرىنى تەييارلىدى.

ۋاقىت قىس بولغاچقا، ھەتتا ئۈستەلگە تىزىپ قويۇلغان چاغانلىق تاماققا ئېغىز تېگىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. ئايرىلىش ئالدىدا، 16 ياشلىق ئوغلى سۇڭ سەيپىڭنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. ئۇ ئاپىسىنىڭ ھەر قېتىم جەڭ مەيدانىغا جىددىي ئاتلىنىشىنىڭ دەل ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.

شۇ كۈنى كەچتە، 450 ئاق خالاتلىق جەڭچى قاپقاراڭغۇ كېچىدە ۋۇخەن تيەنخې ئايروپورتىغا يېتىپ بېرىپ، جىددىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلاندى.

خۇبېيغا بېرىپ كېسەل داۋالاپ، ئاق خالاتنى ساۋۇت قىلدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق داۋالاش كۈچىنى يۆتكەش شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 340 نەچچە داۋالاش ئەترىتى، 42 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خادىم خۇبېيدىكى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئاتلىنىپ، خۇبېيدىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق تېببىي خىزمەتچى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلدى، بىرلىكتە يۇقۇم ئالۋاستىسىغا قارشى جەڭ قىلدى.

تۈركۈم - تۈركۈم داۋالاش ئەترىتى خادىملىرىنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشكەن چاغدىكى قەتئىيلىككە تولغان كۆزلىرىگە قاراپ، تيەنخې ئايروپورتى يۈرۈشۈش قوماندانلىق مەركىزى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جۈن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ «ۋۇخەن قۇتقۇزۇۋېلىنىدىغان بولدى!» دېدى.

ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر خۇبېيغا بېرىپ كېسەل داۋالاش بىلەن بىللە، كەڭ قۇرغۇچىلارمۇ تەرەپ - تەرەپتىن كېلىپ، ئۆزىنىڭ بىرجۈپ قولى ۋە تەرى ئارقىلىق ۋۇخەندىكى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭگە كۈچ قوشتى.

چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كېچىدە، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ جياڭشيا رايونىدىكى 43 ياشلىق دېھقان ئىشلەمچى خۇ شياۋخۇڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە چاغانلىق تاماق يەۋاتقانىدى. خوشېنشەن دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئىشچىلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا تېلېفون كەلدى، ئۇ چوكىنى تاشلاپلا قۇرۇلۇش ئورنىغا قاراپ يۈگۈردى.

دەل خۇ شياۋخۇڭغا ئوخشاش ئادەتتىكى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىشى بىلەن، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنىدىلا، نېلۇپەر كۆلچىكى، توپا دۆۋىسى بىلەن قاپلانغان 50 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق مەيداننىڭ ھەممىسى تۈزلىنىپ، 150 مىڭ كۇب مېتىر توپا قېزىلدى، بۇ، 57 ئۆلچەملىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تىندۇرۇشقا يېتىدۇ.

− تەخمىنەن ئون كېچە - كۈندۈزدە خوشېنشەن، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسى كەينى - كەينىدىن قۇرۇلدى؛

− 29 سائەتتە، تۇنجى تۈركۈمدىكى 4000 كارىۋاتلىق فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش تاماملىنىپ، ئاغرىقلار قوبۇل قىلىنىپ داۋالاندى؛

− بىر ئاي ئىچىدە، ۋۇخەن شەھىرى 16 فاڭساڭ دوختۇرخانىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، 86 بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنى ئۆزگەرتىپ، 60 مىڭدىن ئارتۇق كارىۋاتنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، بۇ، يېڭىدىن كۆپەيگەن 60تىن ئارتۇق 3 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ كارىۋات سانىغا باراۋەر...

«ئادەم كارىۋاتنى كۈتۈش»تىن «كارىۋات ئادەمنى كۈتۈش»كە ئۆتۈشتەك مۇھىم، زور ئۆزگىرىش 70 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ كېچە - كۈندۈز دېمەي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن ھاياتلىق توسۇقى بەرپا قىلغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

قەلبلەر، قوللار تۇتۇشۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇندى، ۋۇخەندىكى ھەربىر ئاددىي كىشى قەھرىمانلارچە قىياپەتتە ياشىدى.

ۋاڭ يۇڭ، ۋۇخەندىكى بىر ئادەتتىكى «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» تېز يەتكۈزۈش خادىمى. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۇ تاسادىپىي ھالدا تېببىي خادىملارنىڭ ئاپتوموبىل ئېھتىياجى ئۈندىدار توپىغا كىرىپ قالدى. توپتا جىنيىنتەن دوختۇرخانىسىدىكى بىر سېسترانىڭ «ئۆيگە قايتالمىدىم» دەپ ياردەم سورىغىنىنى كۆرگەن ۋاڭ يۇڭ كېچىچە ئۇخلىيالمىدى.

ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 6دە، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەردىن يوشۇرۇپ، دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.

«بۇ ئىشنى قىلىشتىكى ئەسلىي مۇددىئايىم ناھايىتى ئاددىي، بىر كۈندە بىر تېببىي خادىمنى ئاپىرىپ ئەكەلسەم، ئۇلارنىڭ تۆت سائەت ۋاقتىنى تېجەپ بېرەلەيمەن، 100نى ئاپىرىپ ئەكەلسەم 400 سائەت بولىدۇ. 400 سائەتتە ئۇلار قانچىلىغان كىشىنى قۇتقۇزالايدۇ - ھە!»

بىر ئادەم ئاپىرىپ - ئەكېلىشتىن تەرەققىي قىلىپ بىر كوللېكتىپقا ئايلاندى، ۋاڭ يۇڭ پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللىدى، مۇلازىمەت مەزمۇنىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى −

ھەقسىز ئاپىرىپ - ئەكېلىش، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ماسلاشتۇرۇش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش، تېببىي خادىملارنىڭ غىزالىنىشى ھەمدە كۆزەينىكىنى رېمونت قىلىش، يان تېلېفونىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى ھەل قىلدى...

ئاز - ئازدىن چاقنىغان نۇرلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ساما يولىنى شەكىللەندۈردى.

− ۋۇخەن شەھىرى جياڭئەن رايونى خۇيمىنيۈەن مەھەللىسىدىكى دائىرىگە مەسئۇل خادىم فېڭ فېڭ ھەر كۈنى مەھەللىدىكى ئاممىغا دورا سېتىۋالاتتى، نەچچە ئون دورا خالتىسى پۈتۈن بەدىنىگە ئېسىقلىق تۇراتتى؛

− ۋۇخەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى شېنلۇڭ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى شياۋ لىجۈن مەھەللىدىكى يالغۇز تۇرۇۋاتقان 64 ياشانغان كىشىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغداپ، ھەركۈنى كەچتە يالغۇز تۇرۇۋاتقان ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلدى؛

− ۋۇخەن ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ 46 ياشلىق ئايال مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى جۇ ليەنفاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشنى ئىلتىماس قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا شيېخې غەربىي دوختۇرخانىسىغا كىرىپ تازىلىق، دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى ئىشلىدى...

جۈپ - جۈپ قوللار ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، مېھىر - مۇھەببەتنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يېڭىلمەس كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش

1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، چاغاننىڭ 2 - كۈنى ئىدى. جياڭسۇدىكى يۇرتىدا چاغان ئۆتكۈزۈۋاتقان يۈەن چۈەنۋېي كېچىلەپ زاۋۇتقا قايتىپ، ئۆزى يالغۇز بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى «زىممىسى»گە ئالدى.

يۈەن چۈەنۋېي سۇجوۋ يىڭما نازۇك ماشىنىسازلىق شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلى. شىركەت ھېلىلا خۇبېيدىكى دوختۇرخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغان دېزىنفېكسىيەلەش ئۈسكۈنىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم «جەڭ مەيدانى زاكاز تالونى»نى تاپشۇرۇۋالغانىدى، ھالبۇكى ئىشچىلار يۇرتلىرىغا قايتقان بولۇپ، ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەيتتى. ئەسلىدە بەش خىزمەتچى ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن تاماملىيالايدىغان ئىش تەرتىپىنى يۈەن چۈەنۋېي قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆزى يالغۇز ئۈستىگە ئالدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون كۈندە، بۇ «بىر ئادەملىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى» ئۇدا ئايلىنىپ، 100 نەچچە يۈرۈش مەھسۇلات ئىشلەپچىقاردى.

يۇقۇم تۇيۇقسىز تارقالدى، بۇ دەل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىگە توغرا كەلدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەڭ مەيدانىدا ماسكا جىددىي لازىم بولدى! داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى يېتىشمىدى! زور مىقداردىكى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتى يېتىشمىدى!

يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جىددىي ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى، نۇقتىلىق ساھە كارخانىلىرى ئىسمېنا قوشۇپ، ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ئىشلەپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇردى، مەھسۇلاتنى كېڭەيتتى.

يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولغان بىر مەيدان ئارقا سەپ كاپالىتى جېڭى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى!

بۇ، ۋاقىت بىلەن سۈرئەت تالىشىدىغان، ۋىرۇس بىلەن بەسلىشىدىغان جۇڭگو ئۈنۈمى −

نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى تېزدىن ئورنىتىلىپ، كارخانىلاردا تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن خاس ۋەكىللەر پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتتى؛

دۆلەتنىڭ ۋاقىتلىق يىغىپ ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، كۆپ تۈركۈم كارخانا تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئىقتىدارنى كېڭەيتىش، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلاتنى ئۆزگەرتىشكە تەشكىللەندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى نۇقتىلىق كاپالەتلەندۈرىدىغان كارخانىلارغا باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتلەردە مەدەت بېرىلىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماس يۈرۈشۈشى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى؛

ئەشيا ئوبوروتىدىكى «توسۇق نۇقتا»نى راۋانلاشتۇرۇش تېزلىتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك خام ماتېرىيال تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشى ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىپ بېرىلدى...

2 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ماسكىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلىش ئىقتىدارى، مەھسۇلات مىقدارىدا قوش 100 مىليونلۇق ئۆتكەل بۆسۈپ ئۆتۈلۈپ، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا مەھسۇلات مىقدارى ئون نەچچە ھەسسە ئاشتى. داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان N95 ماسكىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلىش ئىقتىدارى، مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 مىليون 960 مىڭغا، 1 مىليون 660 مىڭغا يەتتى، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى 8700 قۇردىن بىراقلا كۆپىيىپ 300 مىڭ قۇردىن ئېشىپ كەتتى، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە ئېھتىياجى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.

بۇ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغان، ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىنغان جۇڭگو كۈچى −

قاتتىق بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرى ئاستىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا جەزمەن پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك!

كۆپ تارماق تېز سۈرئەتتە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاشۇردى؛ كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلدى؛ يېمەكلىك، كۆكتات، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىق لازىمەتلىكلەرگە يېشىل يول ئېچىپ، قاتناش «ھاياتلىق لىنىيەسى»گە تىرەك بولدى؛ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار كارخانىلار خۇبېي ئۆلكىسى، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى...

يۇقۇم چوڭ سىنىقى ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى، توك، گاز، سۇ، ئىسسىقلىق قاتارلىق ئاساسىي تەمىناتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، يېمەكلىك، دورا بۇيۇملىرى، ئاساسىي سانائەت بۇيۇملىرى، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق ساھەلەر تەرتىپلىك يۈرۈشۈپ، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى.

زېمىننى باھار تۈسى قاپلاپ، ھەممە مەۋجۇدات ئويغاندى.

«قايتا قوزغىتىلغان» ۋۇخەن يېڭى ئۈمىدنى كۈتۈۋالماقتا.

شەھەر قاتنىشى يۈرۈشتۈرۈلدى، باغچە، مەنزىرە رايونلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىۋېتىلدى؛ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ۋۇخەن) دائىملاشقان تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى... توققۇز ئۆلكە تۇتاشقان جاي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى سانائەت چوڭ شەھىرى تېز ئويغىنىپ، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپلەر زەنجىرىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ قوزغىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ۋۇخەن «قامال بىكار قىلىنغان» ئاشۇ كۈنى، 2020 - يىللىق تۇنجى مەيدان «بۇلۇت سودىگەر چاقىرىش»نى كۈتۈۋالدى.

شۇ كۈنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، بىيو تېببىي دورا، پۇل مۇئامىلە - سۇغۇرتا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان 69 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئومۇمىي سوممىسى 245 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 11 باش ئىشتاب تۈرى ۋۇخەنگە ماكانلاشتى.

چيەنجياڭ كىچىك راكى، زىگۇيچېڭى، يىڭشەن يۈنۋۇ چېيى... يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەر خۇبېينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئالدىن سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەرقايسى چوڭ مەركەز تاراتقۇلىرى توردا «مال تونۇشتۇرۇپ»، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بەس - بەستە «قول تۇتۇشۇپ»، «خۇبېي ماللىرى»نى زاكاز قىلىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى.

پۈتۈن مەملىكەت ۋۇخەنگە مەدەت بەردى، ۋۇخەنمۇ پۈتۈن مەملىكەتكە كۈچ قوشتى.

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شاڭچيۇ - خېفېي - خاڭجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ خېفېيدىن خۇجۇغىچە بولغان بۆلىكىدە ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتنى ئۆلچەش سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى.

سۈرئەت ئىسترېلكىسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ، سائەتلىك سۈرئىتى 385 كىلومېتىرلىق سىناق نىشان قىممىتىگىچە ماڭدى، سۈرئەت تۆۋەنلىمىگەن ئەھۋالدا يۈشىخې دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، دۇنيادىكى 300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول كۆۋرۈكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى يۈرۈش سۈرئىتىنى ياراتتى.

بۇ چاغدا، 400 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋۇخەندە، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تۆمۈريول 4 - چارلاش - لايىھەلەش يۇرتى لىنىيە بېكىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى لى چيۇيى كومپيۇتېر ئېكرانىدا ھەر ۋاقىت يوللىنىپ كەلگەن رېلىسنىڭ تۈرلۈك سانلىق قىممەتلىرىگە تىكىلىپ تۇراتتى.

«گەرچە نەق مەيدانغا بېرىش قولايسىز بولسىمۇ، لېكىن بىز يۈشىخې دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى ئۈچۈن رېلىس ھالىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسى ياسىدۇق، بۇ <ئۆتكۈر كۆز> بولغاچقا، لايىھەلىگۈچى خادىملار ۋۇخەن باش ئىشتابىدا تۇرۇپلا ھەر ۋاقىت نازارەت قىلالايدۇ» دېدى ئۇ.

جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش.

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنىگە كەلگەندە، خۇبېي پۈتۈن ئۆلكىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى، ئىش ئورنىغا قايتىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم %98.2، %93كە يەتتى. ئومۇمىي جەھەتتىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىپ، ئاساسىي جەھەتتىن نورمال سەۋىيەگە يەتتى.

بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان خۇبېي بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىگە ئوخشايدۇ.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەريانىدا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنى تەدرىجىي نورماللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «يۇقۇم»غا قارشى جەڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4