تېرىقچىلىق مەزگىلىگە دەخلى يەتكۈزمەي ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇش سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز رايىدە خەۋەر قىلىدۇ: ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق پەرۋىش ئالدىراش ئىشلەنمەكتە، تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى يېزا - كەنت يوللىرىدا خىمىيەۋى ئوغۇت، ئۇرۇقلۇق، دېھقانچىلىق دورىلىرى لىق قاچىلانغان ئاپتوموبىللار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا ئوغۇتلاش، يەر تۈزلەش، شاخلارنى چاتاش، زىيانداش ھاشاراتتىن مۇداپىئەلىنىش، كۆكتات تېرىپ مايسا كۆچۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىيماسىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولاتتى.

نۆۋەتتە، جەنۇبىي شىنجاڭدا 6 مىليون 800 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي ئارقا - ئارقىدىن كۆكەردى؛ 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 326 مىڭ 300 مو يازغى بۇغداي، 493 مىڭ 100 مو بۇغدايدىن باشقا زىرائەت تېرىلدى؛ 1 - پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۆكتات مەھسۇلات مىقدارى 416 مىڭ 400 توننا بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشتى.

4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شايار ناھىيەسىنىڭ يانتاقشەھەر يېزىسى يېڭىيەر كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى سەمەت ھېيت كۈزگى بۇغدايغا باش ئوغۇت بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيەنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، ئائىلىمىز سەككىز مو كۈزگى بۇغداي، 11 مو كېۋەز تېرىپ، 5357 يۈەن ياردەم تولۇقلىمىسى ئالدۇق.» 4 - ئاينىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايون 20 ماددىلىق تەدبىر چىقىرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مو كۈزگى بۇغدايغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسىنى 180 يۈەندىن 220 يۈەنگە ئۆستۈردى، ھەر مو سىلوس كۆممىقونىقىغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسىنى 100 يۈەندىن 120 يۈەنگە ئۆستۈردى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئېتىز - ئېرىقلارنى پەن - تېخنىكىلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى ليۇخۇدى كەنتىدە، تيەنخې دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ چوڭ تىپتىكى سېيالكىسى كۆممىقوناق تېرىۋاتاتتى، ئۇ، «ئاقىل يېزا ئىگىلىك سىستېمىسى» مەشغۇلاتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇقنى تېخىمۇ دەل جايىدا سېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «بۇ سىستېمىدا ئۇرۇق سېلىش مەشغۇلاتىنىڭ تۈپتۈز بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، 1000 مېتىردىكى پەرقى ئىككى سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇ سىستېما ئۇرۇق سالغان چاغدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى توغرا ئوقۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ دورا چېچىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قانات يايدۇرۇشىغا دەل جايىدا يول باشلاپ، پۇل ھەم كۈچنى تېجەيدۇ.» تيەنخې دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى يۈ گۇاڭفۇ مۇنداق دېدى: «ئاقىل يېزا ئىگىلىك سىستېمىسى ئارقىلىق كۆممىقوناق تېرىغاندا، ھەر موسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى 50 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

«ئادەمسىز يول باشلاش سىستېمىسىلىق سېيالكا بىلەن ئۇرۇق سالغاندا، ئىلگىرىكى يىللاردا ھەر كۈنى 90 - 80 مو يەر تېرىلاتتى، ھازىر ھەر كۈنى 140 - 130 مو يەرنى تېرىغىلى بولىدۇ.» ساۋەن ناھىيەسىنىڭ داچۇەن يېزىسى ياڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى دېھقان شيا تەيپىڭ مۇنداق دېدى: «سىياسەتنىڭ يۆلىشى، يېڭى تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ يەنە بىر مول ھوسۇللۇق يىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4