يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى

شىنجاڭدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ «1+N» يۈرۈشلۈك تەدبىرى چىقىرىلدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەننىڭ 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئېچىلغان شىنجاڭدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ «N+1» يۈرۈشلۈك تەدبىرى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى «N+1» يۈرۈشلۈك تەدبىرىنى چىقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتىگە ئىگە قىلغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈشنى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سوت مەھكىمىلىرى خىزمىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپە ۋە ئىسلاھاتنىڭ يارقىن نۇقتىسى قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆكۈم - كېسىمىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالدىنقى مەزگىللىك تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، قايتا - قايتا دەلىللەش ئاساسىدا، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتىگە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى «N+1» يۈرۈشلۈك تەدبىرىنى تارقاتتى.

«1» − ئەمدىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتىگە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» بولۇپ، نىشان - ۋەزىپە، پىرىنسىپنى ئىگىلەش، نۇقتىلىق ۋەزىپە، ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىدىكى مۇھىم كۆرسەتمە سۈپىتىدە، كونكرېت خىزمەت تەدبىرلىرى بىرتۇتاش ئىگىلەنگەن؛ «N» − شىنجاڭدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر قاتار ئىنچىكە ئىسلاھات تەدبىرلىرى تۈزۈلۈپ، كونكرېت مەشغۇلات چارىسى، باسقۇچلۇق ۋەزىپە، يول - تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «يولغا قويۇش پىكرى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن.

كېيىنكى قەدەمدە، «N+1» يۈرۈشلۈك تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ۋەيران بولۇشنى سوت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، دەۋا مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دەۋا مەنبەسىنى ئىدارە قىلىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال نەتىجە يارىتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى جايىدا جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4