ئاپتونوم رايونىمىز يىل ئاخىرىغىچە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىدا كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: «ھازىر كۈتۈنۈش پۇلى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا بىۋاسىتە ئۇرۇلىدۇ، قاتراپ يۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ناھايىتى قولايلىق» دېدى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شايار ناھىيەسى تويبولدى بازىرى غالىبىيەت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇسا ئەزىز خۇشال ھالدا.

بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تارقىتىش يوللىرىنى تەڭشەپ، ئۇنى بىرتۇتاش ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى پۇل مۇئامىلە ئىسچوتىغا تارقىتىپ بەردى. ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى تارقىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 19 مىليون 756 مىڭ 500 ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى، 2 مىليون 160 مىڭ 700 ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى تارقاتقان؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئالىدىغانلار 2 مىليون 600 مىڭدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 805 مىڭ 700 ئادەم ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق ئالىدىغان بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تەمىنات ئالىدىغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %70كە يېقىنراقىنى ئىگىلەيدىكەن.

«نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوندا يېڭىدىن كۆپەيگەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارغا تەمىناتنى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق تارقىتىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تارقىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى تىرىشىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇچۇر مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى تارقىتىش خىزمىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق جەمئىي 72 مىليارد 817 مىليون يۈەن تەمىنات تارقىتىلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىنى مىسالغا ئالساق، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر ئايدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق 3 مىليارد 819 مىليون يۈەن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى تارقىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4