1- پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىق سانائىتى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %15.9كە يەتتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەر قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئاساسىدا، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلغان. 1 - پەسىلدە پۈتۈن ساھەنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %15.9كە يېتىپ، 1 -، 2 - ئايدىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن 31.3 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن، 3 - ئايدا شۇ ئايدىكى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %77.4كە يەتكەن.

1 - پەسىلدە ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى نۇقتىلىق ئالاقىلەشكەن 30 كارخانىنىڭ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئېشىشنى ساقلاپ قالغانلىرىدىن بەشى بار. بۇنىڭ ئىچىدە جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە پاي شىركىتى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ كارخانا ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىغان. 1 - پەسىلدە نۇقتىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن 12 خىل ئاساسلىق مەھسۇلات ئىچىدە بەش خىل مەھسۇلات ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان، بۇلار ئايرىم - ئايرىم توقۇمىچىلىق مەخسۇس ئۈسكۈنىسى، پولات ئۆزەكلىك ئاليومىن ئەشمە سىم، تېرىقچىلىق ماشىنىسى، شامال گېنېراتورى، سودا ئاپتوموبىلىدىن ئىبارەت.

«ئاپتونوم رايوننىڭ جابدۇق ياسمىچىلىقىدىكى نۇقتىلىق ئالاقىلىشىدىغان 30 كارخانىنىڭ 3 - ئايدا ئورۇندىغان سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 4 مىليارد 310 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52 ئاشتى، 2 - ئايدا ئورۇندىغان سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىگە سېلىشتۇرغاندا 15 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، 3 - ئايدا جاسارەت بىلەن يېتىشىۋېلىش ئارقىلىق، 1 - پەسىلدە سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشتى. بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايوندا تىرىلىيون يۈەنلىك مۇھىم، زور ئۇل تۈرلەرنىڭ قوزغىتىلىشى كارخانىلارغا يېتەرلىك زاكاز ئېلىپ كەلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى جابدۇق سانائىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ شياۋچۇەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ساھە مەھسۇلات قىممىتى ئېشىش سۈرئىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4