ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇردى

يۇرت - ماكاننى گۈزەللەشتۈرۈپ، ساغلاملىقنى ساقلاش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇردى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىر يې سۈي خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 32 - قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەكتەپ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەن بار، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى ماڭا ھەمراھ»دېگەن باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇردى.

مەيىن شامال كەلدى يەلپۈنۈپ، كۈلدى جاھان باھارنى تۇيۇپ. 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىدە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ماسكا تاقاپ، ئورەك قېزىپ، كۆچەت سېلىپ، توپا تىندۇرۇپ، سۇغىرىپ، ياۋا ئۆرۈك، چوڭ يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، ئاق قېيىن قاتارلىق دەرەخلەرنى تىكىپ، ئەمگىكى بىلەن باھارنى زىننەتلىدى.

«ھازىر دەل ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى مەزگىلى، شۇنداقلا دەل كۆچەت تىكىپ يېشىللىقنى قوغداشنىڭ ياخشى مەزگىلى، بىز ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا <دەرەخنى كۆپ تىكىش، ياخشى دەرەخ تىكىش، چوڭ دەرەخ تىكىش>نى تەشەببۇس قىلىپ، گۈزەل، ئىناق، يېشىل بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىمىز.» شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يۈخۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مەكتەپ 4 - ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، 4000 تۈپتىن كۆپرەك دەرەخ تىكىپتۇ.

4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، قومۇل شەھەرلىك 4 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 - يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىر قېتىملىق ئالاھىدە دەرس − چوڭ تازىلىق دەرسىگە قاتناشتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى سۇ چاچتى، بەزىلىرى يەر سۈپۈردى، بەزىلىرى دېرىزىلەرنى سۈرتتى، مەكتەپ ئىچى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

«مەكتەپ تۈركۈمگە، ۋاقىتقا بۆلۈپ بۇ چوڭ تازىلىق دەرسىنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام بولۇپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان گۈزەل ئەخلاقنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.» قومۇل شەھەرلىك 4 - باشلانغۇچ مەكتەپ 5 - يىللىق 1 - سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى ۋاڭ باۋتاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دەرستىن ئىلگىرى مەن يەنە ئوقۇغۇچىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى كىچىك سىنغا ئېلىش توغرىسىدا ئائىلە تاپشۇرۇقى بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ پاكىزلىقنى سۆيىدىغان، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدىم. «ماسكا تاقىۋېلىڭ دېسە تاقاڭ، سىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قوزام، قولىڭىزنى يۇيۇپ، كۆپرەك سۇ ئىچىڭ، سىز گەپ ئاڭلايدىغان قوزام، قالتىس، قالتىس...» 5 - يىللىق 1 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى گاۋ جيايى ئىجاد قىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بالىلار قوشىقى ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

ئاقسۇ شەھەرلىك 11 - ئوتتۇرا مەكتەپ مەكتەپ رادىيوسى، كۆزنەك، سىنىپ قارا دوسكا گېزىتى، ئۈندىدار قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، تازىلىق، كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ساغلاملىق، ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرىنى كەڭ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى مەجبۇرەن تازىلىق قىلىش، پىدائىي بولۇپ نەسىھەت قىلىش، «كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەش» قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىي تازىلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي بولمىغان ھەرىكەتلەرنى ئومۇمىي خەلق نازارەت قىلىدىغان، چەكلەيدىغان قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتىنى تىرىشىپ ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4