ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى

ئاساس كۈچەيتىلدى كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى

ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، S101 لىنىيەسى شىخو شەھىرى بەيياڭگوۋ بازىرىنىڭ يول بۆلىكىدە، ئىشچىلار جىددىي قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى. S101 لىنىيەسى شىنجاڭ بۇ يىل نۇقتىلىق بەرپا قىلىدىغان سەرخىل ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ بىرى، نۆۋەتتە پۈتۈن لىنىيەدە ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى. 880 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 73 ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى تۈرى، 21 ساياھەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تۈرى، 479 ساياھەت ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشى تۈرى ۋە 1990 ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇ قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويدى، S101 لىنىيەسى، ئالتاي قۇم كەنتى تاشيولى، تاشقورغان - يەكەن قەدىمىي يولى، چېشى قەدىمىي يولى، ئۈرۈمچى - بۇرۇلتوقاي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق ساياھەت قاتناش ۋە يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى شارائىتىنى سىجىل ياخشىلىدى.

ھەرقايسى جايلار يەنە مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ساياھەتچىلەر نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

شۇ كۈنى بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ئاققۇمتاغ مۇلازىمەت رايونى، چۇڭقۇر بازىرى قارابۇلاق كەنتى قاتارلىق جايلاردىكى ساياھەت ھاجەتخانىلىرى قۇرۇلۇشىمۇ جىددىي ئىشلىنىۋاتقانىدى. بۇرچىن ناھىيەسى «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن سىرت، يەنە 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشى تۈرى ۋە زەرەتلەش تۈۋرۈكى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويىدۇ. «بۇ يىل، بىز داۋاملىق ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز» دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋۇ لېي.

تۇرپان ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ماي قاچىلاش پونكىتى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش، ماي قاچىلاشنى كۈتۈش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، خەۋەرلىشىش راۋان بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلدى. تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەن جىنچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، شەھىرىمىز 11 ساياھەت تۈرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە يېڭىدىن قۇرىدۇ، 39 «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق» تۈرىنى ھەل قىلىدۇ.

ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي - قۇم كەنتى تاشيولى، ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىش مەنبە جايى مۇزېيى، ياقۇت رەسىم كۆرگەزمىخانىسى، بۇرچىن ناھىيەسى ئىلىك تاش ئورمىنى، جېمىنەي ناھىيەسى ئوتلاق تاش شەھىرى، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىق ساياھەت تۈرلىرى ۋە يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى شارائىتىنى ياخشىلىدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4