1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى تېز ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېينىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە: 1 - پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى تېز ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى بويىچە تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى 2 تىرىليون 120 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى قەرز پۇلى 63 مىليارد 80 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

1 - پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى، تەكرار قەرز پۇل، تەكرار دىسكونت قاتارلىق پۇل سىياسىتى قوراللىرىدىن كۆپ قېتىم پايدىلىنىپ، ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سېلىنمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەخسۇس قەرز پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش ۋە مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يېتەرلىك مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى مەخسۇس تەكرار قەرز پۇل بېرىش قاتارلىق ئېتىبار سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشتا مەبلەغقە ئېھتىياجى بىرقەدەر چوڭ بولغان رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش تەكرار قەرز پۇلىنى تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇردى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 1 تىرىليون 590 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.7 ئاشتى؛ جەمئىي تارقىتىلغان يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش تەكرار قەرز پۇلى 4 مىليارد 570 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشقا بېرىلگەن قەرز پۇلنى مۇقىم تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا بېرىلگەن قەرز پۇل قالدۇقى 479 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 9.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4