ئىچكى - تاشقى جەھەتتە تەڭ تۈزەپ يېزا - كەنتلەرنىڭ «قىياپەت»ىنى يېڭىلىدى

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 1231 مەمۇرىي كەنت −

ئىچكى - تاشقى جەھەتتە تەڭ تۈزەپ يېزا - كەنتلەرنىڭ «قىياپەت»ىنى يېڭىلىدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز لى شىڭ، سۈي يۈنيەن

رەتلىك، پاكىز كەنت قىياپىتى، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە يېزا - كەنت مەنزىرىلىرى، باھار كۈنلىرىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى يېزا - كەنتلىرىدە نەگىلا بارسا ئارامبەخش مەنزىرىلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى 1231 مەمۇرىي كەنتتە يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىشنى ھويلا - ئارانلارنى ئۆزگەرتىش، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى ياخشى قىلىش جەھەتتىن باشلاپ، گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە تەڭ تۈزەپ يېزا - كەنتلەرنىڭ «قىياپەت»ىنى يېڭىلىدى.

ئادەم بىلەن چارۋىلار ئايرىۋېتىلىپ ھويلىلار خۇش پۇراققا تولدى

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق يېزىسى سۇياقىسى كەنتىگە كىرىپ يىراققا نەزەر سېلىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئۆرۈك دەرەخلىرى ئۈچ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئۆرۈك چېچىكى كوچىسىنى ھاسىل قىلغانلىقىنى، دەرەخلەر ئاستىدىكى ئاق رەڭلىك ياغاچ رېشاتكا بىلەن قورشالغان گۈللۈكلەرنىڭ رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنلىكىنى كۆردۇق.

كەنت ئاھالىسى ھۆرنىسا بەكرى ئائىلىسىنىڭ ھويلا - ئارانى پاك - پاكىز سۈپۈرۈلگەن بولۇپ، ئەتىرگۈل، تاشئالما، كاۋچۇك دەرىخى، قىزەنگۈل تىكىلگەنىدى. ھۆرنىسا پۈتۈن ھويلىغا خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان گۈللەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ يىل يېڭىدىن تىككەن گۈللەر، كالا - قويلارنى يۆتكىۋەتكەندىن كېيىن ھويلا پاكىزلاشتى، گۈل ئۆستۈرۈشكىمۇ قىزىقىپ قالدىم» دېدى.

سۇياقىسى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رەخمىتۇللا ئەلى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر كەنت بىر بوش يەرنى تاللاپ باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى كالا، قويلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرالغۇ رايونىدىن باقمىچىلىق بازىسىغا يۆتكەپ مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىپ، ئىلگىرىكى ئادەم بىلەن چارۋا ئايرىۋېتىلمەسلىك ئەھۋالىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى. «ھويلىدا باقمىچىلىق قىلسا، مۇھىتنى بۇلغاپلا قالماي، باقمىچىلىق كۆلىمىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە بازىدا كالا، قوي بېقىۋاتىدۇ، كىرىمىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى» دېدى ئۇ.

ھويلىنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ يەنە بىر مەنزىرىنى كۆردۇق، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئۈزۈم باراڭلىرى تۇتاشتۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۈزۈم كارىدورى شەكىللەندۈرۈلۈپتۇ. كىچىك ئەگمە پارنىكتا يازلىق بەسەي، پالەك، يازلىق غولپىياز ناھايىتى بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، يان تەرىپىدىكى سىم تور بىلەن قورشالغان بوش يەردە بىر توپ چۈجە ئەركىن دانلاۋاتاتتى.

بىر كۆكتات پارنىكى، بىر يېپىق باقمىچىلىق قوتىنى، بىر كۆكتات ئورىسى، بىر ئۈزۈم بارىڭى، بىر توپ ئۆي قۇشلىرى، ھۆرنىسا ئائىلىسىدە ئاقسۇ ۋىلايىتى پائال كېڭەيتكەن «بەش بىر» قۇرۇلۇشى، «مېۋە − كۆكتات − قۇش» ئايلانما ئېكولوگىيەلىك ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى مۇكەممەل نامايان قىلىنىپ، ھويلا - ئاران يېرى، بوشلۇقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى تولۇق ئۆستۈرۈلۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھويلا - ئاران كىرىمى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى.

«دۆلەت 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دېھقانلار ئۆزى 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتنىڭ ئېتىز، سۇ، يول، ئورمان، تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىدى.» رەخمىتۇللا مۇنداق دېدى: «مۇۋاپىق پىلانلاش ئارقىلىق، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغا دەرەخ تىكىلدى، ھويلىسىغا گۈل تېرىلدى، ئارقا ھويلىسىدا ئۈزۈم، كۆكتات ئۆستۈرۈلدى، ئەڭ يىراق جايدا ئۆي قۇشلىرى بېقىلدى. ئەتىيازدا گۈل بار، يازدا ئوت - چۆپ بار، كۈزدە مېۋە بار، ئىلگىرىكى ھەممىلا يەردە چاڭ - توزان ئۇچۇپ تۇرىدىغان، قەيەرگىلا بارسا ئىنتايىن قالايمىقان كۆرۈنىدىغان مەنزىرە ئەمدى قالمىدى!».

كىچىك باغچىلاردىكى يېڭى مەنزىرىلەر كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئەتىگەندىلا، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرى تۆۋەنكى تۈمەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سانىخان ئوسمان ھويلا ۋە ئىشىكى ئالدىدىكى يولنى بىردەمدىلا پاكىز سۈپۈرۈپ تازىلىۋەتتى. ناشتىلىق تەييارلاپ بولۇپ، ئۇ يەنە ئوچاق بېشى، تاماق ئۈستىلى، پولنى بىر - بىرلەپ سۈرتتى.

بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قۇربان سادىق مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: سۇنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، ھاجەتخانىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، ھويلا - ئارانلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىدە ئاستا - ئاستا مۇھىت تازىلىقىنى ئاڭلىق قوغداش ئېڭى بار بولدى. ھازىر ئەتىيازلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى يېزىلاردا كەنتلەرنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، تۆۋەنكى تۈمەن كەنتىمۇ ئەتىيازلىق چوڭ تازىلاشقا ئاتلاندى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينى، ھويلا - ئارانلىرى، كوچىلارنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دەرەخ شاخلىرى، ياۋا ئوت - چۆپلەر، قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇلغان نەرسىلەر، يىغىلىپ قالغان ئەخلەتلەر ھەمدە تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىگە چېچىلىپ كەتكەن ئەخلەتلەرنى پاكىز تازىلىدى.

ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئايدىن 3 - ئايغىچە ئاقسۇ ۋىلايىتى 1 مىليون 140 مىڭ توننىدىن ئارتۇق يېزا ئەخلەتلىرىنى تازىلىغان. يېپيېڭى تۈسكە كىرگەن كەنت قىياپىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان.

كەنتكە ئەڭ يېقىن بولغان 100 مو ياڭاقلىق يېنىدىكى يېزا يولى بويىدا، ھەر نەچچە يۈز مېتىر ئارىلىقتا بىردىن كىشىلەر ئارام ئالىدىغان كىچىك باغچە بار. كىچىك شىپاڭلارنىڭ شەكلى ھەر خىل، ئادەم ۋە ھايۋان ھەيكەللىرى ناھايىتى جانلىق كۆرۈنىدىغان بولۇپ، تەبىئىي، ئاددىي يېزا - كەنت مۇھىتى بىلەن ئىنتايىن ماسلاشقانىدى.

«كىچىك باغچىلارنىڭ ھەممىسىنى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلىرى قول سېلىپ قۇرۇپ چىققان.» قۇربان مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: كىچىك باغچە قىلىنغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى بىكار، بوش يەر بولۇپ، ھەممە يەردە ئەخلەت دۆۋىلىنىپ تۇراتتى، چوڭ تازىلاشتىن كېيىن كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، يېرىم ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر - بىرلەپ كىچىك باغچىلارنى قۇرۇپ چىقتى.

شۇ كۈنى، بىر كەنت ئاھالىسى نەۋرىسىنى ئېلىپ كىچىك باغچىدا سەيلە قىلىۋاتقان بولۇپ، بالا گۈل - گىياھلار ئىچىدە خۇشال ئويناۋاتاتتى. «بۇ يەر شەھەرلەردىكى باغچىلاردىن قېلىشمايدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى كۈلۈپ تۇرۇپ.

قارا، سېسىق سۇ تۈگىتىلىپ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ياخشىلاندى

4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ چىلان يېزىسى چىمەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابىدە ئەمەتنىڭ ئۆيىدە سافا، شىمېڭسى كارىۋات، تاماق ئۈستىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، ئۆي جاھازلىرى پاك - پاكىز سۈرتۈلگەنىدى. ئابىدە مۇخبىرلارنى باشلاپ ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى: «ئېرىم ئىككىمىز بۇ ئۆيدە تۇرىمىز، ئۇ بالىمىزنىڭ ياتاق ئۆيى ۋە ئۆگىنىش قىلىدىغان ئۆيى، بۇ بىز تاماق يەيدىغان تاماق ئۈستىلى.» ياتاق ئۆيدىكى شىمېڭسى كارىۋاتقا كارىۋات ياپقۇچ يېپىلغان بولۇپ، رەتلىك يىغىلغان يوتقانلارغا گۈل كەشتىلەنگەن يوتقان تېشى قاپلانغانىدى، تاماق ئۈستىلىگە داستىخان سېلىنىپ، چىرايلىق چىنە - چەينەكلەر تىزىلغانىدى.

«شۇغىنىسى تازىلىق ئۆيىنى ھازىر تېخى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.» ئابىدەنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، گەرچە ئۆيگە سۇ بىلەن تازىلىنىدىغان تەرەت تۇڭى، مۇنچا ئورنىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن پاسكىنا سۇ چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى بولمىغاچقا، پاسكىنا سۇنى پەقەت ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى كۆكتاتلىققا ئېقىتىۋېتىشكە توغرا كېلىدىكەن، بۇنداق بولغاندا مۇھىت بۇلغىنىپلا قالماي، كۆكتاتمۇ ياخشى ئۆسەلمەيدۇ، «بىراق ناھايىتى تېزلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ» دېدى ئۇ ئىشىك سىرتىدىكى كولىنىۋاتقان يول يۈزىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئەسلىدە كەنتتە پاسكىنا سۇنى چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇۋاتقان ئىكەن. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى چاڭ لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: پاسكىنا سۇنى چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى پۈتكەندىن كېيىن، ھەربىر ئائىلىدە بىردىن تەكشۈرۈش قۇدۇقى بار بولىدۇ، پۈتۈن كەنتتە ئالتە گەندە كۆلچىكى بار بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھاجەتخانا پاكىز بولماسلىق، سېسىق پۇراش، قارا، سېسىق سۇ خالىغانچە ئېقىش مەسىلىسى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىپ، كەنتنىڭ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ.

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بۇ يىلقى تۈزەش نىشانى: يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈزەش، يېزىلارنى پاكىز ھاجەتخانىلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتلىرىدە زىيانسىزلاندۇرۇلغان پاكىز ھاجەتخانىلارنى %90كە يەتكۈزۈپ، ھاجەتخانا گەندە، بۇلغىمىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىپ، بىر تۈركۈم گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان كەنتلەرنى ئالدىن قۇرۇپ چىقىش.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئاساسىدا، كەنت قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىپ يېڭىلايمىز» دېدى چاڭ لېي.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4