ئاپتونوم رايونىمىز 5G تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى

رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىسىنى پائال تەشكىللەپ، 5G يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 5G تورىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇۋېتىپتۇ.

2019 - يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە 5Gنى سودىدا ئىشلىتىدىغان شەھەرگە ئايلاندى. «بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرى 5G ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ئۇنى سودىدا ئىشلىتىش سىناق نۇقتىسى پونكىتىدىن 518نى قۇردى ھەم ئاچتى، ئۇلار ئاساسلىقى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جۇڭشەن يولى، دوستلۇق قاتارلىق سودا چەمبىرەكلىرىگە جايلاشقان بولۇپ، خۇڭگۇاڭشەن، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، ئايروپورت قاتارلىق رايونلارنى نۇقتىلىق قاپلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى ئېلى ھۈسەن مۇنداق دېدى: «بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 5G تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشىنى كېڭەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، سانائەت، ساياھەت كەسىپلىرىدە ئالدى بىلەن 5G تورىنى قۇرىدۇ ھەم ئەمەلىي قوللىنىدۇ».

جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى 5G قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن بۇ يىل 800 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سالىدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 200 قۇرۇلۇش نۇقتىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى، تۈر لايىھەلەش سۈرئىتى %61كە يەتتى، تۈرلۈك يانداش قۇرۇلۇشلار تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، ئەسلىدىكى پىلان مۇددىتىدىن بىر پەسىل بۇرۇن پۈتۈن يىللىق قۇرۇلۇش نىشانىنى تاماملايدۇ؛ 2020 - يىلى ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسىي شەھەر رايونىدا ئۇدا قاپلاش، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئۈچ يۇقىرى رايونلار (يۇقىرى ئابۇنىچى زىچلىقى، يۇقىرى ئېقىم مىقدارى، يۇقىرى قىممەت رايونى)دا تۇتاش قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ 5Gنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، 5G يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى بىۋاسىتە تارقىتىش، 5G+VR مائارىپى، 5G+ ئاقىل باغچە رايونى، 5G+ ئاقىل ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، 5G+ بۇلۇت +AI رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭغا ئېنېرگىيە ئاتا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى 5G خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ يولى تىجارەت زالىدا 5G ھېس قىلىش مەخسۇس رايونى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ساياھەت نۇقتىسىنىڭ 5G كەسپىنى كېڭەيتىشنى ئالدى بىلەن تاماملاپ، خۇڭگۇاڭشەن يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى تەۋەلىك رايونىدا «5G+» بىرلەشمە يېڭىلىق يارىتىش بازىسى بەرپا قىلدى ھەم ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك، ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە 5Gنى ئەمەلىي قوللىنىش سىناق نۇقتىسىنى قانات يايدۇردى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 20 ئورۇن بىلەن «5Gنى ئەشيا تورى بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەجرىبىخانىسى»نى قۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، ئاقىل شەھەر، ئاقىل داۋالاش، ئاقىل مائارىپ قاتارلىق ھەرقايسى ۋېرتىكال كەسىپلەر بايلىقىنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي قوللىنىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 5G تورىنىڭ چوڭ بەلباغ كەڭلىكى، چوڭ ئۇلىنىش، تۆۋەن ۋاقىتنى ئۇزارتىش ئىقتىدار ياردىمىگە تايىنىپ، يېڭى تاراتقۇ، سانائەت ئالاقە تورى، مائارىپ، داۋالاش نۇقتىلىق كەسىپلىرىنى ئوچۇق كۆرسىتىشنى چۆرىدەپ، 5G ئەمەلىي قوللىنىش ئوچۇق كۆرسىتىشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتى؛ «ماياك ھەرىكىتى»نى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، نۇقتىلىق ھالدا 5G+ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن، 5G ،AR/VR 5G+ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان/ئاپتوموبىل قاتارلىق ئاقىل مەھسۇلاتلارنى بەرپا قىلىپ، 5G+سانائەت ئالاقە تورى، 5G+ ئاقىل شەھەر، 5G+ يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش، 5G+ مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4