قېپقالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

خۇ چۇنخۇا جەنۇبىي شىنجاڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قېپقالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خۇ چۇنخۇا ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇ بازىرى ئىنچىكە ئېرىق كەنتىدە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرگەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى دېھقانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز زوۋ يى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خۇ چۇنخۇا 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قېپقالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، تاماملاش يىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئېغىر نامرات رايون، مىللىي رايون، چېگرا رايون بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئېغىر، قىيىنلىق دەرىجىسى زور. خۇ چۇنخۇا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يېڭىسار ناھىيەسى، پەيزاۋات ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نامرات يېزا - كەنتلەر، نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرى ۋە نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش - ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

خۇ چۇنخۇا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتۈش پەيتى يېتىپ كەلدى، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش روھىي ھالىتى بىلەن، دىققەتنى قېپقالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن نامرات ناھىيەلەر ۋە نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر بولغان نامرات كەنتلەردە ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جەڭنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئەڭ ئاخىرقى قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا بىرلەشتۈرۈش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇس ۋە يېڭىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇسنى ۋاقتىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدە ئىش باشلاشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى داۋاملاشما يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلارنى يۆلەش يانداشما كەسىپلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: نىجات نىياز
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4