ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارغا 144 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېقىن «ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەرز پۇلى» تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن جې، شاڭ شېڭ) شىنجاڭ بانكىچىلىقى ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەھسۇلاتلىرىنى بىرىكتۈرۈشنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قوللاش سىياسىتى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، تور سۇپىسىنىڭ ياردىمىدە، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قەرز پۇلى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش قەرز پۇلى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن بۇيان، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلارغا 363 مىڭ 500 قېتىم قەرز پۇل تارقاتتى، قەرز پۇل سوممىسى 144 مىليارد 891 مىليون يۈەن بولدى.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار جەمئىي 330 مىڭدىن كۆپرەككە يېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كارخانا ئومۇمىي سانىنىڭ %99تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى 16 ماددىلىق تەدبىر» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بولغان مالىيە، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كۆپ قاتلامدىن قوللىدى.

جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۈزلۈكسىز ھالدا مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈپ، ماركېتىڭ جەھەتتە «ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەرز پۇلى»نى ئومۇملاشتۇرۇشنى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قوللايدىغان نۇقتىلىق كەسىپ قىلىپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قەرز پۇلى يېشىل يولىنى قوزغىتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ تارقىتىشنى تېزلىتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يەرلىكنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4