ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ 7 مىليارد 563 مىليون يۈەن قوللىشىغا ئېرىشتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020 - يىللىق يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 7 مىليارد 563 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈرگەن بولۇپ، 2019 - يىلىدىكىدىن %36.8 كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى 3 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 2019 - يىلىدىكىدىن %23 كۆپەيگەن، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىدىن تۆت ھەسسىگە يېقىن قاتلانغان، بۇ، تارىختىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەبلەغ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر يىل بولۇپ، مەبلەغ بىلەن قوللاش سالمىقى جەھەتتە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق 13 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)تىكى 87 ناھىيە (شەھەر، رايون)، 3067 تۈرگە چېتىلىدۇ. قۇرۇلۇشتا 110 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن 25ى يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىلىدۇ، لىنىيەسى 748 كىلومېتىر بولىدۇ، 35 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن 54ى يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىلىدۇ، لىنىيەسى 737 كىلومېتىر بولىدۇ، ئون كىلوۋولتلۇق لىنىيە 7651 كىلومېتىر، تۆۋەن بېسىملىق لىنىيە 9092 كىلومېتىر بولىدۇ، 5845 توك تەقسىملەش تىرانسفورموتورى سەپلىنىدۇ.

تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ «يېزا ئېلېكتىر تورىنى توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىك بولۇش نىسبىتىنى %99.8كە يەتكۈزۈش، ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىر بېسىمىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنى %97.9كە يەتكۈزۈش، ئائىلىلەرگە ئوتتۇرىچە توك تەقسىملەش سىغىمچانلىقى ئىككى كىلوۋولت - ئامپېردىن تۆۋەن بولماسلىق»تىن ئىبارەت باھالاش نىشان - تەلىپى ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر ئورۇنلىرىنىڭ چۈشۈرگەن مەبلەغ سېلىش پىلانى بويىچە، بۇ يىللىق يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، يىل ئىچىدە پۈتكۈزۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىغا، يېزا ئېلېكتىر تورىدىكى ئېلېكتىر بېسىمى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولماسلىق، ھەرىكەت ئېنېرگىيە توكى تۇتاشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كەڭ دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ «توك ئىشلىتەلەيدىغان» بولۇشتىن «توكنى ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان» بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈشى ۋە ياخشىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4