1 - پەسىلدە تارقىتىلغان نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى يېڭىدىن 1 مىليارد 976 مىليون يۈەن كۆپەيدى

شىنجاڭدىكى 61 مىڭ 214 ئائىلە مەنپەئەتلەندى، بۇلارنىڭ %85ى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1 - پەسىلدە شىنجاڭدا نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى تارقىتىلغان ئائىلىدىن 61 مىڭ 214ى، تارقىتىلغان ئىناۋەتلىك قەرز پۇل 1 مىليارد 976 مىليون يۈەن يېڭىدىن كۆپەيگەن؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى 52 مىڭ 119 ئائىلە، 1 مىليارد 700 مىليون يۈەن قەرز پۇل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا مەركەزلەشكەن.

نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ مەخسۇس تۈزگەن بىر تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى، پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن ئىبارەت قەرز پۇل بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئۈچ ئاپپارات تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، تېلېفون، ئۈندىدار، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خېرىدارلارغا مەسلىھەت بېرىش، زىيارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «ئۆيدىن چىقمايلا» باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. قەرز پۇلغا ئېھتىياجى بار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا، ئالدى بىلەن قايتا زىيارەت قىلىپ قوبۇل قىلىش، ئالدى بىلەن قەرز پۇل بېرىشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق قەرز پۇل تارقىتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە كېيىنكى مەزگىللىك ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مەبلىغى ئېھتىياجىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى <50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولۇش، قەرەلى ئۈچ يىل ئىچىدە بولۇش، كېپىلسىز، رەنىسىز بولۇش، تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز پۇل بېرىش، مالىيەدىن ئۆسۈم ياردىمى بېرىش، ناھىيەدە خەۋپ - خەتەر تولۇقلىما فوندى تەسىس قىلىش>تىن ئىبارەت بولۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئىش باشلاش مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: قەرز پۇل بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئۈچ ئاپپارات سىياسەت بويىچە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، داۋاملىق قەرز پۇل بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، يەنە كېلىپ ئېھتىياجى بار نامرات ئائىلىلەرنىڭ قەرز پۇل بېرىشكە بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قەرز پۇل بېرىپ، « قەرز پۇلنى ئائىلىلەر ئېلىپ كارخانا ئىشلىتىش» «قەرز پۇل بېرىپلا كارى بولماسلىق» «ئىشلەپچىقىرىشتىن باشقا چىقىمغا ئىشلىتىش» قاتارلىق ئىشلىتىلىشى دەل جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەپ، توغرا ئىشلىتىش، ياخشى ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 2016 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بۇ سىياسەتنى يولغا قويغاندىن بۇيان، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قەرز پۇل بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئۈچ ئاپپارات جەمئىي 14 مىليارد 538 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى تارقاتقان، بۇ 392 مىڭ 100 نامرات ئائىلىنى قاپلىغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تارقىتىلغىنى جەمئىي 12 مىليارد 353 مىليون يۈەن بولۇپ، 332 مىڭ 800 نامرات ئائىلىنى قاپلىغان. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنىڭ قەرز پۇل قالدۇقى 5 مىليارد 430 مىليون يۈەن ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4