ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 5G 4010 ئاساسىي پونكىتىدا بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاندى

كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەر 5G تورى بىلەن قاپلىنىدۇ

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچىنى يادرو قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا 5G تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنى 5G تورى بىلەن قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

2019 - يىلى ئۈرۈمچى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى 5G تورىنى سودا خاراكتېرىدە قوللىنىدىغان شەھەر قىلىندى. شۇ يىلى ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىسى جەمئىي 126 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 5G تورىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە ئۇنى سودا خاراكتېرىدە ئىشلىتىش سىناق نۇقتىسى پونكىتىدىن 518نى قۇردى.

ئالاقىدار پىلان بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچىنى يادرو قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدا 5G تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ، سانائەت، ساياھەتچىلىكتە 5G تورىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىدۇ ھەم قوللىنىدۇ، ھەم 5G تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىش ئورنى ۋە قوللىنىش ساھەسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇش شەكلىدە 5G تورىنى پۈتۈن شىنجاڭدا بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد يېڭى كەسپى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال يېتىلدۈرىدۇ.

بۇ يىل، ئۈچ ئاساسىي تېلېگراف كارخانىسىنىڭ شىنجاڭدا مۇشۇ يىلدىكى 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 4010نى قۇرۇشى تەستىقلاندى، ھازىر، ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 5G تورى قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولماقتا. كېلەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىز 5G تورى قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، يىل ئاخىرىدا بارلىق ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنى 5G تورى بىلەن قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «پايدىلانغىلى بولۇش، پايدىلىنالايدىغان بولۇش، ياخشى پايدىلانغىلى بولۇش»نى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش كەسپىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تور سىغىمىنى كېڭەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ ئېچىش، كېڭەيتىش ۋە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەۋەرلىشىش ئېھتىياجى بىر قەدەر ياخشى قاندۇرۇلدى. 2019 - يىلى كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شىخىشۇ يېزىسى راسكام كەنتىگە تۇتاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بارلىق ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە كەڭ بەلباغلىق تور تۇتاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %99كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4