1 - پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تۆۋەنلەتتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە: كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن تەسىرنى تۈگىتىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بىرقاتار قوللاش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەقىقىي تۈردە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى «يۈكىنى يېنىكلەتكەن». بۇ شىركەتنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1 - پەسىلدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخ چىقىمى جەمئىي 106 مىليون 700 مىڭ يۈەن ئازايغان.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان قوللاش سىياسىتىگە ئاساسەن، بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى ساھەلەردىن باشقا ئادەتتىكى سودا - سانائەت ھەم باشقا توك باھاسى ۋە يىرىك سانائەت توك باھاسى ئىجرا قىلىنغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە خېرىدارلىرىغا قارىتا، توك باھاسى بىرتۇتاش %95 بويىچە راسچوت قىلىنىدۇ؛ قوللاش خاراكتېرلىك ئىككى تۈزۈمدىكى توك باھاسى سىياسىتى بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە نورمال ئىش باشلىيالمايدىغان، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان كارخانىلارغا قارىتا، ئاساسىي توك ھەققىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش دەۋرى ۋە سىغىمنى كېمەيتىش (ۋاقتىنچە توختىتىش) مۇددىتىگە قويۇلغان چەكلىمە بوشاشتۇرۇلىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش سەۋەبلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتكەن كارخانىلارغا قارىتا، ئەمەلىي ئەڭ چوڭ ئىشلىتىش مىقدارى توختامدىكى ئەڭ چوڭ ئېھتىياج مىقدارى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ھېسابلاپ ئېلىنىدۇ؛ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارىتىدە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق كۆرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەتكە ئىشلىتىدىغان توك ھەققىنى تولۇق تاپشۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار باسقۇچ خاراكتېرلىك كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مەزگىلىدە «قەرز بولۇپ قالسىمۇ توختاتماي تەمىنلەش» يولغا قويۇلىدۇ.

1 - پەسىلدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كەسىپلەردىن باشقا ئادەتتىكى سودا - سانائەت ھەم باشقا توك باھاسى ۋە يىرىك سانائەت توك باھاسى تۆۋەنلىتىلىدىغان خېرىدار 670 مىڭ بولۇپ، تۆۋەنلىتىلگەن سومما 96 مىليون 265 مىڭ 900 يۈەن بولغان؛ قوللاش خاراكتېرلىك ئىككى تۈزۈمدىكى توك باھاسى سىياسىتىگە ئاساسەن خېرىدارلارنىڭ توك ھەققى چىقىمى 10 مىليون 501 مىڭ 900 يۈەن تۆۋەنلىتىلگەن. جەمئىي 114 ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىغا بېجىرىپ بېرىلگەن كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇلىدىغان توك ھەققى سوممىسى 74 مىليون 732 مىڭ 400 يۈەن بولۇپ، 114 كارخانىنى قىسقا مۇددەتلىك ئۆسۈمسىز قەرز پۇل مەدىتى بىلەن تەمىنلەشكە باراۋەر بولغان، بۇ، كارخانىلارنىڭ نەق پۇل ئوبوروتى قىس بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتكەن.

ئالاقىدار قوللاش سىياسىتى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، سىياسەت پايدىسىدىن مەنپەئەتلىنىدىغان خېرىدار 850 مىڭ ئائىلىدىن ئاشىدىكەن، كارخانىلارنىڭ توك ھەققى چىقىمى جەمئىي 504 مىليون يۈەن تۆۋەنلىتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4