شىنجاڭدىكى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردە 2020 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدە 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈمگە ئايرىپ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇلۇپ ئارقا - ئارقىدىن ئوقۇش باشلىنىدۇ

ئۆز خەۋىرىمىز 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردە 2020 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدە 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈمگە ئايرىپ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇلۇپ ئارقا - ئارقىدىن ئوقۇش باشلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھەرقايسى مەكتەپلەر كونكرېت ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى شۇ مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى، ئوقۇتۇش تەييارلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىن ئۇقتۇرىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مەكتەپتە بىر لايىھە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىچكىرى رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئەھۋالغا قاراپ ئوقۇش باشلاش، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەرىر: قۇربانجان قېيۇم
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4