ئىستېمال بازىرى قىزىپ كەتتى

3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا مەيدانىدىكى يىجيا خۇيخاۋ تاللا بازىرىدا كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى. سۈرەتتە: شەھەر ئاھالىلىرى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىمىز خېي خۇڭۋېي، مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى چېڭ لىجۈەن ئائىلىسىدىكىلەر ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگوۋ بازىرىدىكى شىنجاڭ خۇاليەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا كىرىپ بۆلجۈرگەن ئۈزدى. بۆلجۈرگەن پارنىكىغا كىرىش بىلەن، خۇش پۇراق مېۋە ھىدى دىماققا ئۇرۇلاتتى، چېڭ لىجۈەن بىر تەرەپتىن بۆلجۈرگەن ئۈزگەچ، بىر تەرەپتىن بالىسىنى سۈرەتكە تارتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى شادلىققا چۆمدى. «ھەپتە ئاخىرىدا، بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ، مېۋە ئۈزۈشتىن شادلاندۇق، باھارنىڭ ھىدىنى ھېس قىلدۇق» دېدى چېڭ لىجۈەن.

ھازىر دەل پارنىك بۆلجۈرگىنى بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل، باغچىدىكى بۆلجۈرگەنلەر ياخشى ئاينىغان بولۇپ، كىشىلەرنى ئۈزۈشكە جەلپ قىلاتتى، سېتىلىشى ياخشى ئىدى. «ھازىر ھەر كۈنى باغچىدا ئۈزۈپ سېتىش سوممىسى 20 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز توردا سېتىش، تور سىرتىدا مال يەتكۈزۈش ئەندىزىسىنى داۋاملىق قوللىنىپ، كۈندە 200گە يېقىن زاكاز قوبۇل قىلىپ سېتىۋاتىمىز» دېدى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىنىڭ مەسئۇلى دۇۋ فۇچياڭ تونۇشتۇرۇپ.

ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقۇم چەكلەپ قويغان، توڭلىتىپ قويغان ئىستېمال ئېھتىياجى قويۇپ بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى تىپتىكى ئىستېمال ۋە دەرىجىسى ئۆسكەن ئىستېمالمۇ يېتىلدۈرۈش، تەرەققىي قىلىدۇرۇش داۋامىدا زورايدى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ پىيادىلەر كوچىسىدا ساياھەتچىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەي، تۈرلۈك نازۇ نېمەت ۋە مىللىيچە ئالاھىدىلىككە باي ناخشا - ئۇسسۇل ئويۇنلىرىدىن مەستخۇش بولدى؛ سانجى شەھىرىدىكى كىتاب ئوقۇش قەھۋەخانىسى، كىچىك تىياتىرخانا قاتارلىقلار تىجارەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىسىنى يېڭى ئىستېمال تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى؛ خوتەن كەچلىك بازىرى ئېچىلىپ، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى؛ تىيانشان بوغدا كۆلى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى، قاناس قاتارلىق نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرىمۇ تەدرىجىي جانلاندى...

ئۈرۈمچى دوستلۇق سودا سارىيىدىكى سۇمى گىرىم بۇيۇملىرى مەخسۇس پوكىيىدە، نۇرغۇن خېرىدار گىرىم بۇيۇمى تاللاۋاتاتتى، دۇكان باشلىقى ما كې مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىندا، سودا ساراي بىلەن سۈپەتلىك ماركىلىق تاۋار ئىشلەپچىقىرىدىغان تەرەپلەرنىڭ تىجارەت سالمىقى خېلى زور بولۇپ، سېتىش مىقدارى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىدى. «ھازىر، تور سىرتىدىكى تاللا بازارلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى» دەپ تونۇشتۇردى بۇ شىركەت تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خەن ۋېيخۇا.

ساغلاملىق ئىستېمالىمۇ جانلىنىۋاتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى مەنخادۇن ساغلاملىق باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى زەنجىرسىمان دۇكانلىرى ئارقا - ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى. دالا ساياھىتى - تۇرمۇش سارىيى ۋە ۋېلىسىپىت دۇكىنى ئاچىدىغان گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى فەن شىنگو ناھايىتى ھاياجانلاندى: «بۇ يىل كۆپچىلىكنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرۈنەرلىك ھېس قىلدىم، ۋېلىسىپىت دۇكىنى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، دالا ۋېلىسىپىتىنىڭ كۈندىلىك سېتىلىش مىقدارى يەتتە ئەتراپىدا بولدى، سېتىلىش سوممىسى 20 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىپ، بۇلتۇرقىدىن بىر قاتلاندى».

يۇقۇم مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن يېڭى تىپتىكى ئىستېمال ۋە دەرىجىسى ئۆسكەن ئىستېمالمۇ داۋاملىق «نۇر چېچىپ ئىسسىقلىق تارقاتتى». شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بازار ۋە سۈپەتلىك ماركا باش نازارەتچىسى يۈ پېيخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: سۇنىڭ يىگوۋ ئالاقە تورى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، توردىكى سۇنىڭ بۇلۇت دۇكىنى كىچىك پىروگراممىسى، سۇنىڭ خېرىدارغا تەۋسىيە قىلىش، ئۈندىداردا تېز سېتىۋېلىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ۋاكالىتەن مال سېتىش قاتارلىق ئىجتىمائىي توپ ماركېتىڭ قوراللىرى ئارقىلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق «ئۆي ئىگىلىكى»نى جانلاندۇردى. «2 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە، بىز نۇرغۇن سۈپەتلىك ماركا كارخانىلىرى ۋە ئون نەچچە بانكا بىلەن بىرلىشىپ، يېرىم ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان 24 ئايغا بۆلۈپ ئۆسۈمسىز تۆلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردۇق، پائالىيەت توردا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، زاكاز مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئىستېمال باھارى يېتىپ كەلدى» دېدى يۈ پېيخۇا.

«ھەر مىللەت ئىستېمالچىلىرىنىڭ سۈپەتلىك، كۆپ مەنبەلىك، قولايلىق بولۇشقا قويغان ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىركەت توردا سېتىش، تور سىرتىدا ھېس قىلىپ مال سېتىۋېلىشتەك سېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.» شىنجاڭ خۇيجيا دەۋر تۈرلۈك ماللار پاي چەكلىك شىركىتى سانجى رايونى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى سەرجىمان مۇنداق دېدى: «بىز يۇقۇم مەزگىلىدىكى تور تاللا بازىرى تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئەندىزىسىنى داۋاملىق قوللىنىپ، توردا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مەركىزى قۇرىمىز، تۈرلۈك ماللار كەسىپ ھالىتىنىڭ تور سودا شەھەرچىسىمۇ 5 -، 6 - ئايلاردا توردا ئېچىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ توردا سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ».

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4