تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق كۆرۈۋاتىمىز  بىزنىڭ ئىشەنچىمىز بار

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىر يې سۈي

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى «1 - ئاۋغۇست» ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ ۋېي تولۇق 3 - يىللىق 5 - سىنىپقا كىرىپ، سىنىپنىڭ تازىلىقى، دېزىنفېكسىيەلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئوقۇغۇچىلارغا ماسكا تاقاشنى جېكىلىدى، 15 مىنۇتتىن كېيىن، ۋاڭ ۋېي ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ نورمال دەرس ئۆتۈش، تەكرار قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. سىنىپتىكى تەتۈر ساناق تاختىسىدا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەنە 81 كۈن قالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

«ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدا ئۆگىنىش ھالىتىگە تېزرەك قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا توردا ئۆگىنىش جەريانىدىكى بەزى مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى قايتا تەكرار قىلدۇرۇش كېرەك.» ۋاڭ ۋېي تولۇق 3 - يىللىقنىڭ ئوقۇتۇش مۇدىرى بولۇپ، ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن، ئۇ تولۇق 3 - يىللىقنىڭ ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن مەخسۇس ئوقۇتۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، توردا ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى ئەسلەپ ئۆتتى، خۇلاسىلىدى. «بىز ئاساسىنى ئىگىلەش ئىمتىھانى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتكەن ئىككى ئايدىكى ئۆگىنىش ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئوقۇتۇشنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىشنى پىلانلىدۇق» دېدى ۋاڭ ۋېي.

«دەرسخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. مەن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى تەكرار قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كۈچەپ تەييارلىق قىلىمەن.» 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش سەپەرۋەرلىك سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كېرىيە ناھىيەلىك 1 - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3 - يىللىق 22 - سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نىيازخان مەتسىدىقنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

بىرقانچە كۈندىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەلىك 1 - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى سىنىپ، ياتاق، ئاشخانىغا كىرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى تەشۋىق قىلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان پىسخىكىلىق بېسىمىنى يېنىكلەتتى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى.

كېرىيە ناھىيەلىك 1 - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 3 - يىللىقىدا 1601 ئوقۇغۇچى بار، %95 ئوقۇغۇچى يېزا - بازاردىن كەلگەن. «ھەربىر بالىغا بىر ئائىلىنىڭ ئارزۇسى يۈكلەنگەن، تولۇق 3 - يىللىقتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى قىلىپ، بالىلار بىلەن بىر نىيەتتە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىمىز.» مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جوۋ شياۋيىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى تەقلىدىي ئىمتىھان تەكرارىغا كىرىشتى، ئالدىنقى مەزگىلدە توردا ئۆگىنىش شارائىتى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، مەكتەپ «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىش» تەلىپى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش پىلانى تۈزۈپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تەكرار سۈرئىتىگە يېتىشىۋېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا كۈچەپ تەييارلىق كۆرۈش بېسىمى ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 3 - يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پىسخىكا ساغلاملىقى دەرسى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشى تەڭشەپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىنى كۈتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى. ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى ساقلاش شەرتى بىلەن، مەكتەپتىكى ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەملىشىپ يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەككە پەرقىگە قاراپ، قاتلاملارغا بۆلۈپ ئوقۇغۇچىلارغا يەنىمۇ كۈچەيتىش مەشىقى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تېزدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش ھالىتىگە كىرىشكە يېتەكلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچىلار يەنە باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىش، ئارزۇ كارتىسى ياساش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى.

«ئالدىنقى مەزگىلدە بىز توردا ئوقۇتۇش دەرسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغاچقا، تور سىرتىدىكى ئوقۇتۇشقا قايتقاندىن كېيىن ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىككىنچى تەقلىدىي ئىمتىھان تەكرارىغا كىرىشتۇق.» قومۇل شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3 - يىللىقنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى يۆ گاڭجۈننىڭ ئېيتىشىچە، ئاساسىنى ئىگىلەش ئارقىلىق، ئۇ سىنىپتىكى بىرقانچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۈچبۇلۇڭلۇق فۇنكسىيە سوئال شەكلىدە ئاسانلا نومۇر كەتكۈزۈپ قويىدىغانلىقىنى بايقىغان، ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى ئۇ بۇ ئوقۇغۇچىلارنى «كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش» بويىچە بىرگە بىر مەخسۇس مەشىق قىلدۇرغان.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4