شەھەر تۇرمۇشى قىزىپ كەتتى

شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۇچۇڭ يولىدىكى دېخۇي ۋەندا مەيدانىدا نەرسە - كېرەك سېتىۋالماقتا (3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تارتىلغان).

(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز ۋاڭ جېن فوتوسى)

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىمىز جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 8دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىنىڭ خوجايىنى لى لۇلۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شياۋشىمېندىن ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ چاڭچۈن ئوتتۇرا يولىدىكى تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىغا ماڭدى. «نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يولدا ئاپتوموبىل كۆپ ئەمەس ئىدى، 20 مىنۇت ئەتراپىدىلا بارغىلى بولاتتى، بۇ ئىككى كۈندە ئەتىگەنكى بېسىق مەزگىلگە دۇچ كېلىپ 40 مىنۇت ئەتراپىدا ئاران بېرىۋاتىمەن. مىغ - مىغ ماشىنا ئېقىمىنى كۆردۈم، بۇ خىل تونۇش تۇيغۇ مېنى ناھايىتى خاتىرجەم قىلدى» دېدى لى لۇلۇ.

لى لۇلۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلاپ، تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنى ھەر كۈنى خېرىدارلار بىلەن تولدى، بەزىدە كەچ سائەت 11دە ئاران ئىشتىن چۈشىمەن. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بارلىق خېرىدارلار ئالدىن كېلىشىشى كېرەك، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى خېرىدارلار ئىككى كۈن ئىلگىرىلا كېلىشىپ قويغان.

ئۈرۈمچىگە ئوخشاش، بۇ ئىككى كۈندە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىنىڭ يوللىرىدىكى يۈرۈش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. ھەربىر شەھەرنىڭ كوچىلىرىدا، تېز يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى پوچتىسى يېڭىشەھەر رايونلۇق تىجارەت بۆلۈمىنىڭ پوچتالىيونى چېن خۇا لىيۈشەن تەۋەلىك رايونى لۇدا خەلقئارا ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەرگە تېز يوللانما يەتكۈزۈپ بەردى. شۇ كۈنى ئۇ 153 تېز يوللانما يەتكۈزەتتى. 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە پوچتىخانىلاردا تىجارەت باشلىغان تور نۇقتىسى 1466 بولغان، ناھىيە بازىرىدىن يۇقىرى 168 يىغىۋېلىش - يەتكۈزۈش بۆلۈمى، 104 جايدىكى پوچتا يوللانمىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى نورمال يۈرۈشتۈرۈلگەن، پوچتا كەسپىنىڭ يەتكۈزۈش ھالقىسىدا ئومۇميۈزلۈك تىجارەت باشلانغان.

تېز يوللانمىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئاھالىسى ۋېي چېن يەتتە ياشلىق قىزىنى ئېلىپ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا كەلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 500گە يېقىن مەدەنىيەت مەيدان - سارىيىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئېچىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيمۇ 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئېچىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

سائەت 12دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا ئالدىن كېلىشكەن شەھەر ئاھالىلىرى بىر - بىرلەپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن، ئىشىك ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇردى. «مەن دائىم بالامنى مۇزېيغا، گۈزەل سەنئەت سارىيىغا ئاپىرىمەن، بالىنى يېقىن ئارىلىقتىن تارىخ بىلەن <ئۇچراشتۇرغاندا>، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت تەربىيەسىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ» دېدى ۋېي چېن.

بىلىپ - بىلمەيلا چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالدى، سائەت 14تە، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئاھالىسى لى مېيچىن خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە يەنە كونا جاي − شېنجېن شەھەرچىسىنىڭ 6 - قەۋىتىگە جايلاشقان دوپپا كوچىسى مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسىگە كىردى. لۇڭيې گوكۇي، ئىلى ۋەنزىتاڭى... بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى. مەززىلىك تائاملار شەھەرچىسىگە كىرىش ئېغىزىدىكى بىر مېتىر ساقلاش سىزىقى سىرتىدا، كىشىلەر تاماق بۇيرۇتۇپ، زاكاز قىلىپ، بىر ئادەم بىر جوزىدا ئولتۇرۇپ، مەززىلىك تائاملار ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

«بۇ بىزنىڭ چۈشلۈك تاماق <بازا>مىز، ھازىر ھەر كۈنى تونۇش تائاملارنى يېيەلەيمىز!» دېدى لى مېيچىن.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق يېمەك - ئىچمەك كارخانىسى ۋە سودىگەر ئاساسىي جەھەتتىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىمۇ قىزغىن، قايناق، جانلىق كەيپىياتقا چۆمدى.

مەززىلىك تائاملارغا ئوخشاشلا كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنىدىن يەنە گۈزەل مەنزىرىلەر بار. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق باغچىسىدا، ئىللىق قۇياش نۇرىدا كىشىلەر قېلىن كىيىملىرىنى سېلىۋەتكەنىدى. ئاستا يۈگۈرۈۋاتقان، تېز مېڭىۋاتقان، سەيلە قىلىۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرىنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى. قارتا ئويناۋاتقان بوۋايلار ئارىسىدا پات - پات خۇشال كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى؛ تىكتاك توپ ئۈستىلى يېنىدا، «ياخشى توپ!» دېگەن ئالقىش سادالىرى ئارقا - ئارقىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى.

سائەت 17دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق كىنوخانىسىدا، «خاتا ئۆلتۈرۈش» «ھايۋانات ئالاھىدە خادىملىرى ئىدارىسى» «ئازادلىق . ئاخىرقى قۇتقۇزۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ فىلىم تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالدى.

سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تۈن پەردىسى يېيىلدى. بۇ چاغدا چېن خۇا ئەڭ ئاخىرقى بىر تېز يوللانمىنى ئەمدىلا يەتكۈزۈپ بولدى؛ ۋېي چېننىڭ قىزى «مۇزېي ساياھەت خاتىرىسى»نى يازماقتا. لى لۇلۇ يەنە تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە...

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4