گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «2019- يىل ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ زىمىڭ، جاڭ يۈنلۇڭ) گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى «2019 - يىل ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ئەھۋالىنى پاش قىلدى.

دوكلات كىرىش سۆز، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە سىياسىي ھوقۇق - مەنپەئىتى ئىسمى بار، جىسمى يوق بولۇش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ھوقۇق - مەنپەئىتىدە ئاساسىي كاپالەت كەمچىل بولۇش، ئاز سانلىق قوۋملار بوزەك قىلىنىپ چەتكە قېقىلىش، ئاياللار ئېغىر كەمسىتىشكە ۋە زوراۋانلىققا ئۇچراش، ئاجىز توپلارنىڭ ئەھۋالى قىيىن بولۇش، كۆچمەنلەر ئىنسانپەرۋەرلىككە يات مۇئامىلىگە ئۇچراش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىش دېگەن مەزمۇنلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، تولۇق تېكىستى تەخمىنەن 20 مىڭ خەت.

دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بولغان تار چۈشەنچىسىنى رامكا، پۈتۈن يەر شارىغا زومىگەرلىك قىلىشتىكى يادرولۇق مەنپەئىتىنى ئۆلچەم قىلىپ، ھەر يىلى تۇتۇرۇقسىز، ئەپقاچتى ماتېرىياللارغا ئاساسەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى قۇراشتۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ كەمسىتتى، بىراق ئۆزىدىكى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، سىستېمىلاشقان، كىشىلىك ھوقۇققا زور كۆلەمدە دەخلى - تەرۇز قىلغان رەزىللىكلەرنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سالدى، پەرۋا قىلمىدى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا دۇنيادىكى قورال - ياراغ زوراۋانلىقى ئەڭ ئېغىر دۆلەت. 2019 - يىلى ئامېرىكىدا جەمئىي 415 قېتىم چوڭ كۆلەملىك ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى، جەمئىي 39 مىڭ 52 ئادەم قورال - ياراغ بىلەن مۇناسىۋەتلىك زوراۋانلىق ۋەقەسىدە ئۆلدى.

دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئامېرىكىدا غەرب دۆلەتلىرى بويىچە باي - نامراتلىققا بۆلۈنۈش ئەڭ ئېغىر. 2018 - يىلى جىنى كوئېففىتسېنتى ئۆرلەپ 0.485كە يېتىپ، باي - نامراتلىق پەرقى 50 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى. ئامېرىكا مىللىي دارامەتنى تەقسىملەش پەرقىنى سىجىل كېڭەيتىش بىلەن بىللە، داۋالاش، مائارىپ خىراجىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، بىراق جەمئىيەت كاپالىتى بىلەن قاپلاش دائىرىسى تارايدى: 2018 - يىلىدىكى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا 39 مىليون 700 مىڭ نامرات نوپۇس بار ئىكەن؛ ھەر كۈنى كەچتە ئاز دېگەندە ئۆي - ماكانسىز 500 مىڭ ئامېرىكىلىق تالادا تۈنەيدىكەن؛ 65 مىليون ئادەم داۋالىنىش خىراجىتى قىممەت بولۇش سەۋەبلىك داۋالىنىشتىن ۋاز كېچىدىكەن.

ئاز سانلىق قوۋملارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى توغرىسىدا دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئامېرىكىدا ئاق تەنلىكلەر ھەممىدىن ئۈستۈن دېگەن قاراش قايتا باش كۆتۈردى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈزبەرگەن تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاق تەنلىكلەر ھەممىدىن ئۈستۈن زوراۋانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ ئافرىقىلىقلار پۇشتىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدىغان ۋە ۋەھشىيلەرچە خورلايدىغان دېلولار ئۈزۈلمەي يۈزبەردى، ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قامىلىش نىسبىتى ئاق تەنلىك قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ 5.9 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

ئاياللار، بالىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش جەھەتتە دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئامېرىكىدا ئاياللارنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش نىسبىتى باشقا يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭكىدىن 21 ھەسسە يۇقىرى، %70 ئامېرىكا ئاياللىرى يېقىن ھەمراھىنىڭ جىسمانىي ياكى جىنسىي زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان؛ بالىلارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، 2018 - يىلىغىچە، ئامېرىكىدا يەنىلا 12 مىليون 800 مىڭ بالا نامراتلىقتا ياشىغان، بەش ياشتىن تۆۋەن نامرات بالىلارنىڭ سانى 3 مىليون 500 مىڭغا يەتكەن.

دوكلاتتا مۇنداق قارالدى: ئامېرىكا ئۆزىنىڭ خەلقئارا زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، يەككە تەرەپچىللىكنى يۈرگۈزۈپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى يادرو قىلىنغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىنى دەپسەندە قىلدى. ھە دېسىلا «توپتىن چېكىنىپ» «كېلىشىمنى بۇزۇپ»، خەلقئارا مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىپ، يەر شارىۋى ئۆزئارا ئىشىنىش ھەمكارلىق ئاساسىنى تەۋرەتتى؛ كەينى - كەينىدىن «جازالاپ» «قورال ئىشلىتىپ»، دۇنيادىكى نۇرغۇن جايدا داۋالغۇش ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىككە يات ئېغىر ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4