پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەلگىلىمىسىنى بېسىپ تارقاتتى

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى

پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەلگىلىمىسىنى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەتئىي نىيەت، قەيسەر ئىرادە، مىسلىسىز سالماق بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشكە ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان سىياسىي ساپ بولماسلىق، ئىدىيە ساپ بولماسلىق، تەشكىلات ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر، بولۇپمۇ بىر قىسىم چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر تېخىچە تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ئىزچىل ئەمەل قىلىشى، قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «بەلگىلىمە»نى تۈزۈپ ئېلان قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە «بەلگىلىمە»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، «ئىككىنى قوغداش» سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق سۇبيېكتنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «بەلگىلىمە»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەرىر: ئامانگۈل ئابدۇراخمان